ئىستانبۇلدا د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى

ئىستانبۇلدا د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ قۇرۇلغان ئىدى.

11-ئاينىڭ 28-كۈنى د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا ۋەخپەنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى ۋە تەپتىش ھەيئەتلىرى قاتناشتى. تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغانبۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى خىزمەت دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلدا د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى

ئۇ دوكلاتىدا د ئۇ ق ۋەخپى قۇرۇلغان كۈندىن تاكى بۈگۈنگىچە قىلغان خىزمەتلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر ۋەخپەنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ، تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، جەمئىي 101 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، مەزكۇر ۋەخپەنىڭ رەئىس ۋەكىلى دىلشات بارىشچى ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن بەرداش ئەپەندى، مالىيە ئىشلىرى مۇدىرى مەمەت ئەلى ئەپەندىلەر ۋەخپەنىڭ بۇندىن كېيىن نېمەلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. د ئۇ ق ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىن توغرىسىدا بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تارخان ئۇيغۇر رېستوانىدا پراگادا چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا قۇرۇلتايغا بارالمىغان ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپەسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەم. 2021-يىلى 28-نويابىر، تۈركىيە.
د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپەسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ۋە دوكتور ئەركىن ئەكرەم. 2021-يىلى 28-نويابىر، تۈركىيە

ۋەكىللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا قۇرۇلتايغا بارالمىغان ۋەكىللەرنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ئالدى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، قۇرۇلمىسى، بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى ۋە خەلقئارادىكى ئورنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، 20 ئەتراپىدا ۋەكىلگە گۇۋاھنامىلىرىنى تارقىتىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىدا ھەيئەتلەر. 2021-يىلى 28-نويابىر، تۈركىيە.
د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنىدا ھەيئەتلەر. 2021-يىلى 28-نويابىر، تۈركىيە

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىنىڭ د ئۇ ق نىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپەسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندىگە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن مېدال بېرىلدى. ئۇ يىغىن ئاخىرىدا ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئەزىز ئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە د ئۇ ق قا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى گرەئەنپارك مېھمانخانىسىدا د ئۇ ق ۋەخپەسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى. تۈركىيەدە 1985-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپەسى، 1995-يىلى قۇرۇلغان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپەسى، 2000-يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپەسى قاتارلىق ۋەخپەلەر ھازىرمۇ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ