ھەققىمىزدە

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن 2020-يىلىنىڭ بېشىدا چاقىرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيەدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نى قۇرۇش قارارى ئېلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نىڭ رەئىسلىكىگە ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى، رەئىس ۋەكىللىكىگە دىلشات بارىشچى ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئەركىن بەرداش ئەپەندى، مالىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا مەمەت ئەلى ھافىز ئەپەندى سايلاندى.

ۋەخپىنىڭ مەقسىتى

ئۇ پائالىيەتلىرىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ۋە تولۇق ئېلان قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى تەرەققىياتىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەر فىلىم ئىشلەيدۇ ياكى ئىشلىتىدۇ ، ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىنچ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.