شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى (DUKVA)

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرىغا ۋە خەلقارا جەمىيەتكە

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن

يىلى-2026 29-ئۆكتەبىر

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 2026-يىلى 30-ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش ھەققىدىكى ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىمىزنى ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق تارىخى، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قېرىنداشلىق رىشتىلىرىدىن ئوزۇق ئالغان ھەمبىرلىك روھىنىڭمۇ مۇھىم نامايەندىسىدۇر. بىز بۇ ھەمبىرلىكنىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلىك رايونلاردا ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى قوغداشقا بولغان ئورتاق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدۇر. بۇ خەلقلەر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرى بىلەن تىل ۋە مەدەنىيەت يىلتىزى جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئەجدادلىرى، ئېتىقادى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرى جەھەتتىنمۇ چوڭقۇر رىشتىلەر ئارقىلىق باغلانغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى، پىكىر، ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكى، تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئاساسىي پىرىنسىپلار قاتارىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. «پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى»نىڭ 27-ماددىسى ئېتنىك، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىكى پەرقلىق گۇرۇپلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ۋە دىنىي ئەمەللىرىنى ئادا قىلىش، شۇنداقلا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقلىرىغا دائىر مۇھىم خەلقئارالىق ئۆلچەم بەلگىلەيدۇ. «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى خەلقئارا ئەھدىنامىسى» ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىمۇ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى، ئىشلىتىشى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشى؛  كىملىكىنى،  مەدەنىيتىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرالىشى؛ مائارىپ، ئائىلە قۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىماسلىقى، ئۆز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلمەسلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماسلىقى؛ شۇنداقلا پەرزەنتلىك بولۇش، ئادىل سوتلىنىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرى قوغدىلىشى زۆرۈر بولغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلاردىندۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخىي شەھەرلەر، بىناكارلىق يادىكارلىقلىرى، مەسچىتلەر، مەدرىسلەر، مەقبەرىلەر، قەبرىستانلىقلار، قوليازما ئەسەرلەر، ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە باشقا مەدەنىيەت بايلىقلىرى شۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. بۇ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئەسلى خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلىغان ھالدا قوغداش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا دائىر خەلقئارا پىرىنسىپلار ئاساسىدا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈنىشى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باھالاش دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دائىر ئېغىر دەلىل-پاكىتلار ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، رايوندا يۈرگۈزۈلگەن قىلمىشلارنىڭ “ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت” شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ باھالاشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ھالدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يولىدا ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەزكۇر ئەندىشىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشىنى، ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى، رايوندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلىغان ھالدا خاتىرجەم، بىخەتەر ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە لايىق شارائىتتا ياشىشىغا تۆھپە قوشىدىغان ئىجابىي تەشەببۇسلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىشىنى زۆرۈر دەپ قارايمىز.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پەقەت ئالاقىدار خەلقلەرنىڭ كەلگۈسىگىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا تىنچلىققا، ئۆزئارا ئىشەنچكە ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئومۇمىي ئىنسانىي مەسئۇلىيەتتۇر. ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرىگە ئىگە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرگە خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي قىممەتلەر ئاساسىدا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەڭ تەبىئىي بولۇشقا تىگىشلىك ئەھۋال دەپ قارايمىز.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈپ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى؛  باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە باياناتىدا بۇ خەلقلەرنىڭ تىلى، دىنى، مائارىپى،  كىملىكى، تارىخىي يادىكارلىقلىرى ۋە مەدىنىي مىراسلىرىنى قوغداش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلەرنى ئىجابىي يوللار بىلەن تۈگىتىشكە دائىر بىر ماددىغا ئورۇن بېرىلىشىنى سەمىمي تەلەپ قىلىمىز ۋە ئۈمىد قىلىمىز.

بۇنداق بىر پوزىتسىيەنىڭ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپىسىدىكى ئورتاق تارىخ، تىل، مەدەنىيەت ۋە ھەمبىرلىك پىرىنسىپلىرىنىڭ تەبىئىي ئىپادىسى بولىدىغانلىقىغا؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە بولغان ساداقىتىنى ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەردە ئىجابىي مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بۇ يۆنىلىشتە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا خىزمەت قىلىدۇ، دەپ قارايمىز.

تۈرك دۇنياسى تارىختىن بۇيان قەدىرلەپ كەلگەن ئادالەت، ھەققانىيەت، مېھىر-شەپقەت، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قېرىنداشلىق قىممەتلىرىنىڭ، بۈگۈنكى ئىنسانىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەگىمۇ يول كۆرسىتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنىڭ داۋاملىشىشى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان قىممەتتۇر.

ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىنسانىيلىق ۋە ھەققانىيەت ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى زۆرۈر بولغان بۇ مۇھىم مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا؛ تۈرك دۇنياسىنىڭ قېرىنداشلىق ۋە ھەمبىرلىك روھىنى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ئاقىلانە ۋە كەلگۈسىنى كۆزلىگەن پوزىتسىيەنى نامايەن قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى  يىغىنىنىڭ، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا كونكرېت ۋە ئىجابىي ئىرادىنىڭ نامايەن قىلىنىشىغا، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە، رايون تىنچلىقى ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمىز. ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرىغا ۋە تۈرك دۆلەتلىرى .تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئالاقىدار ئورگانلىرىغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir