يۈسۈپجان ئەمەتكە سۈيقەست قىلغان ئىككى جىنايەتچى ئۈستىدىن ئىستانبۇلدا سوت ئېچىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

yusupjan-emet-mejburlanghan-jasus.jpg

ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدا يۈسۈپجان ئەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشقا ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان ئىككى جىنايەتچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن بولۇپ، بۈگۈن، يەنى 2-ئىيۇن كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار ئۈستىدىن ئىستانبۇلدىكى باكىركۆي ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى.

سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ قېتىملىق سوت جەريانى ۋە بۇ دېلو توغرىسىدا يۈسۈپجاننىڭ ئادۋوكاتى ئىلياس دوغان بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىدىن ئىزباسار ئەپەندى سوت مەھكىمىسى ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى ۋە يۈسۈپجان دېلوسى توغرىسىدا توختالدى.

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ سۈيقەستكە ئادەتتىكى بىر ۋەقە دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ سۈيقەستكە ئۇچرىغانلىق دېلوسى ئۈستىدە ئىككىنچى قېتىملىق سوت بولۇپ، بۇ قېتىملىق سوت باكىركۆي 3-دەرىجىلىك جىنايىتى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلدى. بىز بۇ سوتتا جىنايەتچىلەرنى ئېغىر جازالاش بىلەن بىرگە يۈسۈپجان ئەمەتنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ توزاققا چۈشىشىدە رول ئوينىغان كىشى ئۈستىدىنمۇ ئەرز سۇندۇق. سودىيە بۇ ئەرزنامىمىزنى قوبۇل قىلدى. بۇ توغرىدا مۇپەتتىشلەر كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. سودىيە يەنە بەزى مەلۇماتلارنىڭ تولۇقلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئۆزىدىن بايانات ئېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا خەت يازدى ۋە سوتنى كېچىكتۇردى. كېلەر قېتىملىق سوت 8-ئىيۇل كۈنى ئېچىلىدىغان بولدى. يۈسۈپجان ئەمەت سوتقا قاتنىشالمىسا، سوت مەھكىمىسىدىن بىر ھەيئەت يۈسۈپ ئەمەت داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن قايتا بايانات ئالماقچى بولدى.»

بۇ دېلونى يېقىندىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى يۈسۈپ ئەمەتكە سۈيقەست قىلغان ئىككى نەپەر جىنايەتچىنىڭ سوتقا تارتىلغانلىقىنى، بىرسىنىڭ ئىسمى تۇرال ئەلىيوف ئىسىملىك ئەزەربەيجانلىق ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى ئۆمەر ئىشىق بولۇپ، تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تۇرال ئەلىيوف ئىسىملىك جىنايەتچىنىڭ يۈسۈپ ئەمەتكە قارىتىپ ئوق ئاتقانلىقى ۋە ئۆمەر ئىشىقنىڭ قول تېلېفونى ئارقىلىق نەق مەيداننى ۋىدىيوغا ئالغانلىقىنى، ئاندىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى باشقا بىرسىگە ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇ پاكىتلارنىڭ ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ قول تېلېفونىنى تەكشۈرۈشى نەتىجىسدە ئاشكارا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئىنتايىن ئېغىر بىر جىنايەت سادىر بولدى. بىر ئادەم پۈتۈنلەي پالەچ بىر ھالغا كەپ قالدى. بۇ نۇرمال بىر ۋەقە ئەمەس، بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ۋەقە. بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئەسلى جىنايەتچىلەر كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ھېچ كىم بىلەن دۈشمەنلىكىمىز يوق، ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ كىچىككىنە بىر تىل-ھاقارەت تۈپەيلىدىن بىر ئىنسانغا قۇرال تەڭلەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئورۇنۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل ئاۋام بىلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى ھەيئىتىنىڭ پوزىتىيەسىمۇ ئىنتايىن ئادالەتلىك ۋە تەرەپسىز بولدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە ئەسلى جىنايەتچىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش جەمئيىتىىنىڭ باش كاتىپى نۇرددىن ئىزباسار ئەپەندى بۇ دېلو توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھازىر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان جىنايەتچىلەرنىڭلا جازاغا تارتىلىشىنى ئەمەس، بەلكى بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا كىم بولسا بولسۇن، ئۇلارنىڭ تۈركىيە ئادالىتى ئالدىدا ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزەرىدە ھېساب بېرىشىنى ۋە ئادىل بىر شەكىلدە جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

نۇرىددىن ئىزباسار يەنە خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى باش كونسولىغا خىتاپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە تۇرۇپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانسى ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسىدىن شۇنى سورايمىزكى، بۇ ئىشنى سىلەر قىلدىڭلارمۇ-يوق؟ يۈسۈپجانغا نېمە ئۈچۈن ئوق ئېتىلدى؟ بۇ ھەقتە سىلەردىن چۈشەنچە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ دېلو ئادىل بىر شەكىلدە ھەل بولمىغىچە، بىز تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردىكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بوش قۇيۇۋەتمەيمىز. تۈركىيە ئادۋوكاتلىرى ۋە ھەق-ھوقۇق داۋاچىلىرىنىڭ بۇ دېلوغا جىددىي قارىشىنى ۋە تۈركىيە سودىيە ۋە مۇپەتتىشلىرىنىڭمۇ بۇ دېلونى قانۇنغا ئاساسلانغان ھالدا ئادىللىق بىلەن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

نۇرىددىن ئىزباسارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغان جىنايەتچىلەر سوتتا بۇ دېلونى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئاداۋىتى تۈپەيلى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى ئەسلى جىنايەتچىلەرنى يوشۇرماقچى بولغان. سودىيەلەر ئۇلارنىڭ بۇ بايانلىرىغا قانائەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سوتنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان ئىكەن.

يۈسۈپجان ئەمەت 2020-يىلى 2-نويابىر ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. يۈسۈپجان ئەمەت ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ئىلگىرى «ئەل-جەزىرە» قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ يەنە بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئاخباراتقا پاش قىلغان. شۇ قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدا يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ قولىغا ۋە دولىسغا ئوق تەگكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئۆرە يۈرەلمەيدىغان، پۇت-قۇلى ئىشلىمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ئۇ ھازىرمۇ ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ