
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرىغا ۋە خەلقارا جەمىيەتكە
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن
Read more
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرىغا ۋە خەلقارا جەمىيەتكە
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن
Read more
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 63-نۆۋەتلىك ئنسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى 21-ئومۇمىي يىغىن مۇنازىرىسىدە شىۋېتسارىيە، ياپونىيە، چېخىيە،ئېستونىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسان ھەقلىرى ئالى كومىسسارلىقى، خەلقئارائنسان ھەقلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ئنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرىسۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگەكۆرسىتىدىغان تەسىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىللىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.
داۋامىنى ئوقۇڭ…29-ماي ”مالىيە ۋاقتى گېزىتى“ (Financial Times) مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماق سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆلىمىگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارىلىدى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم تارىخچىلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە جەم بولدى..
داۋامىنى ئوقۇڭ…14-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن فوندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە باشقا 11 تەشكىلات ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «ئۈچ ئەپەندى ۋە شېھىتنى خاتىرىلەش پروگراممىسى» ئۆتكۈزدى.

تۈركىستان تايمىز، ئىستانبۇل – 16-ئۆكتەبىر 2025: تۈركىيەلىك تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى تاھا قىلىنچ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا يوشۇرۇن زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىم ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يوقاپ كەتكەن جۇغراپىيەنىڭ ئىزىدىن – شەرقىي تۈركىستان ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. سەربەستىيەت گېزىتىگە بەرگەن مەخسۇس زىيارىتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابى سەۋەبلىك بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…
ۋاشىنگتون [ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى]، 18-ئۆكتەبىر (ANI): دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ھەپتىلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى؛ د ئۇ ق تەشۋىقات، مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…
نيۇ-يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش (Human Rights Watch) تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۈزلىگەن يېزىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن. ب ب س بۇ خەۋەر ھەققىدە خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.
داۋامىنى ئوقۇڭ…
يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاسىممېترىك ھالغا كېلىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىنكاسچىل ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ھالىتىگە كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ تەتقىقات ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە داۋاملىق تەسىرى بارلىقىنى ۋە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ماقالە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەلۇم مەزگىللەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش چەمبىرىكىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەتقىق قىلماقتا.
داۋامىنى ئوقۇڭ…
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدىكى 16-سوت مەھكىمىسى، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئۈستىدىن سوت ھۆكمى چىقىرىپ، ئەركىن ئابدۇۋەلى خىتايدا زۇلۇم بارلىقىنى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ، تايلاندىكى 40 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە سوتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا تۇنجى قېتىم ھۆكۈم قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
داۋامىنى ئوقۇڭ…