4-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئىنسان ھەقلىرى
نۇرى تۈركەل: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› زوراۋان خىتاينىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىدىغان تۇنجى قەدەمدۇر»
2020-يىل ئامېرىكانىڭ سادىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويدى، ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلدى ۋە ماقۇللاندى؛ 2021-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ قانۇنغا ئىمزا قويدى؛ 2022-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ قانۇن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
داۋامىنى ئوقۇڭ9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە بۇ جىنايەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ب د ت نىڭ ئۇنىۋېرسال ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى
تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ پ د ف ھۆججىتىدىن كۆرۈڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىش