خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نىڭ ھەقىقى ماھىيىتى
2026- 2-ئىيۇل
ئىنسانىيەت تارىخى شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەتنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادىي بايلىقى ياكى سىياسىي كونترول مىخاينىزمىسى بىلەنلا ئۆلچەلمەيدۇ. ھەقىقىي مۇقىملىق ۋە قانۇنىقلىق، بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، باراۋەرلىك، ئادالەت ۋە ئەركىن ئىرادىگە تايانغان سىياسىي تۈزۈمدىن كېلىدۇ. بىر خەلقنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى، تارىخىي خاتىرىسى ۋە مىللىي كىملىكى قوغدالمايدىغان بىر جەمئىيەتتە «ئىتتىپاقلىق» نامى بىلەن تەشۋىق قىلىنغان ھەر قانداق تۈزۈم، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يارىتالمايدۇ.
بۈگۈن دۇنيا شۇنداق بىر تارىخىي سىناققا دۇچ كەلمەكتە. بۇ سىناق پەقەت بىر قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياكى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس؛ بەلكى خەلقئارا قانۇننىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋە ئىنسانىي ۋىجداننىڭ ئورتاق قىممەتلىرىنىڭ قانداق قوغدىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.
2026-يىلى 12-مارت كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ۋە 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» دەل مۇشۇ سىناقنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا. بۇ «قانۇن» سىرتتىن قارىغاندا «باراۋەرلىك»، «ئىتتىپاقلىق»، «ئورتاق گۈللىنىش» ۋە «تەرەققىيات»نى تەشەببۇس قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى، قۇرۇلمىسى ۋە يولغا قويۇلۇش ئۇسۇلى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ «قانۇن»نىڭ ھەقىقىي مەقسىتى كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەتتە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيىسىنى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن قانۇنىي ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇش ۋە بارلىق مىللىي كىملىكلەرنى شۇ يەككە سىياسىي كىملىك ئىچىگە سىڭدۈرىشنى مەقسەت قىلغان.
بۇ «قانۇن»نى پەقەت بىر قانۇن تېكىستى سۈپىتىدە باھالاش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئەمەلىي سىياسەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ «قانۇن» يېڭى بىر نەرسىنى ئەمەس؛ ئەكسىچە، ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ كەلگەن سىياسەتلەرنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا مۇقىم ۋە دائىملىق بىر دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا قەغەز ئۈستىدە بولسىمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى «56 مىللەت بىرلىكتە قۇرغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ پىرىنسىپ نەزىرىيە جەھەتتە بارلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭ ئورنى ۋە قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكىنى كۆرسىەتكەن. ئەمما ئەمىلىيەتتە، بولۇپمۇ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق زامان ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادى، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئامانلىق، دىنىي، ئىنتەرنەت خىزمەتلىرى، قاتناش-ترانسپورت، ئۇچۇر-ئالاقە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە خىتاي مىللىتى مەركەزلىك بىر دۆلەت قۇرۇلمىسىنى كۈنسايىن كۈچەيتىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن بىلەن ئېتىراپ قىلىنغان نۇرغۇن ھوقۇقلىرى بارغانسېرى ئاجىزلاشتۇرىلدى، ئىجرا قىلىش مۇھىتى تارايتىلدى ۋە ھەتتا چەكلەندى. «ئورتاق كىملىك» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامى ئاستىدا مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇلاندى.
بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا بۇ جەريان ئىنتايىن كەسكىن ۋە رەھىمسىز شەكىلدە ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىدە يولغا قويۇلدى. ئانا تىل مائارىپىنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي ھاياتنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىشى، مەدەنىيەت ۋە تارىخنىڭ بۇرمىلىنىشى، كەڭ كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى، كەسپىي تەربىيەلەش نامىدىكى كەڭ كۆلەملىك كەيپى تۇتقۇنلار، ئىسكەنجە، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، بالىلارنىڭ دۆلەت ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئاياللارنىڭ دەپسەندىچىلىكى ۋە نوپۇس سىياسىتىدىكى زىتلىقلار بىر-بىرىدىن ئايرىم ھادىسىلەر ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر پۈتۈن ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ تەركىبىي قىسملىرىدۇر.
قوبۇل قىلىنغان بۇ «قانۇن» بولسا، دەل مۇشۇ سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قانۇنى رامكىغا سېلىپ، ئۇلارنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىكى» نامى بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، بۇ «قانۇن»نىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىمىز» دېمىسىمۇ، ئەكسىچە، ئۇ ئاسسىمىلياتسىيەنى «قانۇن»، «تەرەققىيات»، «ئورتاق كىملىك»، «ئىناقلىق» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دېگەن ئىجابىي سۆزلەر بىلەن ئوراپ، ئۇنى نورمال، زۆرۈر ۋە ھەتتا قانۇنلۇق بىر سىياسەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىدادۇر.
تارىخ بىزگە شۇنى ئۆگەتتىكى، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ ئەڭ خەتەرلىك شەكلى، ئۆزىنى زۇلۇم دەپ ئەمەس، «تەرەققىيات» ۋە «ئورتاق مەنپەئەت» دەپ تونۇشتۇرىدىغان شەكلىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ماقالە پەقەت بىر قانۇنغا قارشى بىلدۈرۈلگەن نارازىلىق ئەمەس. بۇ، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى، سىياسىي كېلەچىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تارىخىي مەسىلە ئۈستىدە دۇنيا ۋىجدانىغا قىلىنغان مۇراجىئەتتۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ «قانۇن»نى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان»، «بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان» بىر قانۇن دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، بۇ «قانۇن»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى يالغۇز قانۇننىڭ تېكىستىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ يېقىنقى يەتمىش نەچچە يىللىق مىللەت سىياسىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئىچىدە باھالاش كېرەك.
1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ كۆپ مىللەتلىك خاراكتېرىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئاساسىي قانۇن ۋە «مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى قوغداشقا دائىر بىر قاتار پىرىنسىپلار،بەلگىلىمىلەر يېزىلدى. گەرچە بۇ ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلىي ئىجراسى كۆپىنچە چەكلىك بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن «كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دېگەن رامكىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما يېقىنقى ئون يىلدىن ئارتۇق زامان مابەينىدە بۇ سىياسەتتە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» خىتاينىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن پىرىنسىپى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى قانۇندا تىلغا ئېلىنغان «مىللىي ئالاھىدىلىك»، «ئاپتونوم رايۇن» ۋە «كۆپ خىللىق مەدىنىيەت» قاتارلىق ئۇقۇملار تەدرىجىي ھالدا ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈلدى ۋە كۆرۈنىرلىكى ئازايتىلدي.
2026-يىلى قوبۇل قىلىنغان بۇ «قانۇن» دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشنى دۆلەت قانۇنى سەۋىيەسىدە مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ بۇ «قانۇن» بىلەن، خىتاينىڭ مىللەت سىياسىتىدە يېڭى بىر باسقۇچ باشلانغان بولدى. بۇ باسقۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت قۇرۇلمىسىنى قوغداشتىن، بارلىق مىللەتلەرنى بىرلا سىياسىي ۋە مەدىنىي كىملىك ئىچىدە قايتا شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇ «قانۇن»نىڭ 15-ماددىسى ماندارىن خىتاي تىلىنى مائارىپ ۋە ئاممىۋى ھاياتنىڭ ئاساسىي تىلى قىلىپ بېكىتىدۇ. گەرچە خىتاي بولمىغان مىللەت تىللىرىنى «ھۆرمەتلەش» تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئىجرا قىلىنىش زىمىنىنى بارغانسېرى تارايتىدىغان قانۇنىي ئاساس يارىتىلغان بولدى. شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدە ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر بۇ ماددىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى روشەن يورۇتىپ بېرىدۇ.
16- ۋە 20-ماددىلاردا پۈتكۈل مائارىپ سىستېمىسىنى ۋە ھەتتا ئائىلە تەربىيەسىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»غا بويسۇندۇرۇش تەرغىپ قىلىنغان بولۇپ. بۇنىڭ بىلەن، مىللىي كىملىك ۋە مەدىنىيەتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈش پەقەت مەكتەپتىلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىنىڭ ئىچىدىمۇ سىياسىي كونترول دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولدى.
46-ماددا، دىنىي گۇرۇپپىلار، دىنىي مەكتەپلەر ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ماددا، دىنىي ئەركىنلىكنى دۆلەتنىڭ ئىدىيەۋى نىشانلىرىغا بويسۇندۇرۇشقا قانۇنىي ئاساس يارىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، دىنىي تەلىمنىڭ چەكلىنىشى، روزا، رومال ئارتىش ۋە باشقا دىنىي ئادەت ۋە ئىبادەتلەرنىڭ كونترول قىلىنىشى، بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى بولۇپ كەلدى.
31- ۋە 63-ماددىلار بۇ «قانۇن»نىڭ يەنە بىر يېڭى ۋە خەتەرلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ماددىلارغا ئاساسەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان» دەپ قارالغان پىكىرلەرنى ئىنتېرنېتتە تارقىتىش، ھەتتا خىتاي تەۋەسىنىڭ سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ قانۇنىي جاۋابكارلىق دائىرىسىگە كىرگۈزىلگەن. بۇ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنىي تونغا ئوراش ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا قورقۇتۇش ۋە تەھدەت تورىنى ھاياسىزچە كېڭەيتىشى ۋە كۈچەيتىشىدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، بۇ «قانۇن»نىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپى، ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تىل، مائارىپ، دىن، مەدەنىيەت، ئائىلە، تاراتقۇ، تور دۇنياسى ۋە دىئاسپورا جەمئىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن كونترول سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىشىدۇر. بۇ، پەقەت بىر ساھەدىكى چەكلىمە ئەمەس؛ بەلكى بىر خەلقنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان بارلىق ئاساسىي ئامىللىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىماي، بىرلا ۋاقىتتا قايتا شەكىللەندۈرۈش پروجېكتىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنى جاكارلايدۇكى، بۇ «قانۇن» ئاددىي بىر قانۇن چىقىرىش مەسىلىسى ئەمەس؛ ئۇ خىتاينىڭ مىللەت سىياسىتىدە يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ مەركىزىدە كۆپ خىللىقنى قوغداش ئەمەس، بەلكى بارلىق مىللىي كىملىكلەرنى يەككە دۆلەت كىملىكىگە سىڭدۈرۈش نىشانى تۇرماقتا.
ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئەگەر ئۇ بارلىق خەلقلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، باراۋەرلىكى ۋە ئەركىن ئىرادىسى ئۈستىگە قۇرۇلمىسا، ئۇنداق «بىرلىك»نى پەقەت قانۇن، نازارەت ۋە كۈچ ئارقىلىق ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش، ئاخىرىدا ئىشەنچنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. ھەقىقىي ئىتتىپاقلىق، مىللىي كىملىكلەرنى يوقىتىش بىلەن ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، باراۋەرلىك ۋە ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنى ئېنىق جاكارلايدۇكى، بىزنىڭ كۈرىشىمىز ھېچقانداق بىر مىللەتكە، خەلققە ياكى مەدىنىيەتكە قارشى كۈرىش ئەمەس. بىزنىڭ كۈرىشىمىز، بىر خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچ، قانۇنلۇق ۋە ئادالەت ئاساسىدىكى كۈرەشتۇر. بىز بارلىق خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىكىگە، ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا تىنچ ۋە بىللە ياشاش پىرىنسىپىغا ئىشىنىمىز. بىزنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنىمىز باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ئەمەس؛ بەلكى خەلقئارا قانۇن ئېتىراپ قىلغان ئاساسىي ھەق- ھوقۇقلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ تولۇق بىرىلىشىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پەقەت بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارىلىدىغان باسقۇچ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. بۇ مەسىلە بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، تىنچلىق، خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق بىر سىناققا ئايلاندى. بىر خەلقنىڭ تىلىنى، دىنىنى، مەدىنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى سىستېمىلىق ھالدا يوق قىلىنىشىغا قارىتا دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشى، پەقەت بىر رايوندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت ئورتاق قوغداشقا تېگىشلىك قىممەتلەرنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە يول قويۇش بىلەن باراۋەردۇر.
بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش، ئارقىدىن 2017-يىلدىن باشلاپ دۇنيانى چۆچۈتكەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنلار، دىنىي ۋە مەدىنىي ھاياتنىڭ قاتتىق چەكلىنىشى، ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئاجىزلىتىلىشى ھەتتا ئەمىلىلەشتۈرىش شارائىتىنىڭ قالماسلىقى، بالىلارنىڭ دۆلەت ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە مەجبۇرى يۆتكىلىشى ۋە ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىنىشى قاتارلىقلار شۇنى كۆرسەتتىكى، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئاجىز بولغان ئۆز ئارا ئىشەنچنىڭ سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ئاساسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى ۋە يوقىدى. بۈگۈن يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ «قانۇن» بولسا، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇيغىلاۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسەتلىرىنى تۈگىتىش بىر يانغا بۇ سىياسەتلەرنى ۋاقىتلىق چارە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە قانۇنلاشتۇرىشىدۇر .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ھېچقانداق بىر خەلق ئۆزىنىڭ تىلىدىن، دىنىدىن، مەدەنىيىتىدىن، تارىخىدىن ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، قورقۇتۇش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت ۋە بېسىم ئارقىلىق بىر خەلقنىڭ ۋاقىتلىق سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىش مۇمكىن، ئەمما بۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىنى ياكى سىياسىي ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنى ئېنىق بىلدۈرىدۇكى، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ سىياسىي كېلەچىكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەركىن بەلگىلەش ھەققىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. بۇ، بىر سىياسىي شوئار ئەمەس؛ بەلكى خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەتلىرى ۋە بىر خەلقنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ھوقۇقىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەبىئىي ھەقتۇر. بۇ ھوقۇقنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى، قانداق سىياسىي شەكىلدە نامايان بولىدىغانلىقى ۋە قانداق يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، خەلقئارا قانۇن، تىنچلىق پىرىنسىپى ۋە شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە ئاساسەن بەلگىلىنىشى كېرەك.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشلىرى، ئىلمىي جەمئىيەتلەر، قانۇن ئورگانلىرى ۋە دۇنيادىكى بارلىق ۋىجدانلىق كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ «قانۇن»ىنى ئاددىي بىر ئىچكى قانۇن دەپ قارىماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇ «قانۇن» پەقەت شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقىگەلا ئەمەس، بەلكى تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى قانۇنلاشتۇرغان خەتەرلىك بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.
بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى ۋە ئۆزى قوشۇلغان خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل، دىنىي ئەركىنلىك، مەدەنىيەت، تارىخ، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە سىياسى كېلەچىكىنى ئەركىن بەلگىلەش ھوقۇقلىرىغا ئەمەلىي ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ تىنچ، دېموكراتىك ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز ئادالەتنى ئۆچ ئېلىشنىڭ، دىئالوگنى زوراۋانلىقنىڭ، قانۇننى كۈچنىڭ، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى قورقۇتۇشنىڭ ئورنىغا قويىمىز ۋە ئۈستۈن قىممەت قارىش دەپ بىلىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز يېڭى توقۇنۇش يارىتىش ئەمەس؛ بەلكى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ھەر بىر خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە،ئەركىن ياشىشىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان، تىنچ ۋە مۇقىم بىر كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشتۇر.
ئاخىرىدا، بىز دۇنياغا شۇنى قايتا جاكارلايمىزكى، بىر خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت ئۇنىڭ نوپۇسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تىلى، دىنى، مەدىنىيىتى، تارىخى، ئەركىن ئىرادىسى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بىلەن ئۆلچىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى سىستېمىلىق ھالدا ئاجىزلىتىلسا ۋە يوق قىلىنىش خەتىرى تۇغۇلسا، ئۇنداقتا مەسىلە پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى بىر خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي كېلەچىكى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەركىن بەلگىلەش يولىدىكى قانۇنلۇق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ بىزنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز، ئەخلاقىي بۇرچىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدىكى ۋەدىمىزدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى