بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 63-نۆۋەتلىك ئ‍نسان ھەقلىرى ئالىي كېڭىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يورۇتۇلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 63-نۆۋەتلىك ئ‍نسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ 22-سېنتەبىردىكى 21-ئومۇمىي يىغىن مۇنازىرىسىدە شىۋېتسارىيە، ياپونىيە، چېخىيە،ئېستونىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى ئالى كومىسسارلىقى، خەلقئارائ‍نسان ھەقلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرىسۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگەكۆرسىتىدىغان تەسىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىللىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئ‍نسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلى31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باھالاش دوكلاتىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا ئېغىر ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ «خەلقئارا جىنايەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن»لىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلات خىتاينى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنى قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاش، كەمسىتىش خاراكتېرلىك قانۇن-سىياسەتلەرنى بىكار قىلىش ۋە مۇستەقىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايونغا توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى. 

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىكى ئ‍نسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى،جۈملىدىن تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى ۋەزىيەت، شۇنداقلائاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلەپ، خىتايدىن ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپبېرىشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى ۋە ئالىي كومىسسارلىقنىڭ 2022-يىلىدىكى باھالاش دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

نۆۋەتتە شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ63-نۆۋەتلىك ئ‍نسان ھەقلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى 63-نۆۋەتلىك كېڭەشكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجانئالاۋۇدۇن، قۇرۇلتاينىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى-دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئۇچۇر ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇدېرى ئىپتىخار ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار قاتناشقان. 

دولقۇن ئەيسا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرمۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى قاتارلىق نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خەلقئارا جەمىيەتنى خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتىشقا چاقىرىق قىلغان. 

ئۇ يىغىندا شىۋېتسارىيە ۋەكىلى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنىبىلدۈرۈپ، قانۇن ھازىرقى شەكلىدە ئىجرا قىلىنسا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل،مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىملىكى،دىنىي، مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە ۋەكىلى، خىتايدا ئ‍نسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقاشەخسلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشەقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭ، ئاتالمىش « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ۋەتىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەملىكە زېمىن ۋە خىتايدا ئەركىنلىك، ئاساسىيكىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىكېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئاشكارىلىقنى ئۆز ئىچىگەئالغان «كونكرېت ۋە ئىجابىي ھەرىكەت» قوللىنىشقا چاقىرغان. 

گوللاندىيە ۋەكىلى، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قەرەللىكباھالاش مېخانىزمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرتنامە ئورگانلىرى ۋەبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانتەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىتېخىمۇ چەكلەيدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

گېرمانىيە ۋەكىلى، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تېنچ يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىققاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنىئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دا تەسىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ھازىرلام كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

فىنلاندىيە ۋەكىلى، ئاتالمىش « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ، تىبەت ۋە خوڭكوڭداپۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقىدىن داۋاملىق ئەندىشەقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئىرېلاندىيە ۋەكىلى، خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك بوشلۇقىنىڭ چەكلىنىشى،تىبەتلەرگە قىلىنىۋاتقان مۇئامىلە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشتىن ئەندىشەقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرىسۈرۈش قانۇنى»نىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قوزغىغان.

ئېستونىيە ۋەكىلى، باياناتىدا ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئېغىر ئ‍نسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە شىمالىي ياۋروپا-بالتىق دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق باياناتىغا قوشۇلۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

چېخىيە ۋەكىلىمۇ، خىتايدىكى ئ‍نسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنازىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىن ۋە پۇقرالىق-سىياسىي ھوقۇقلىرى،خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىللىق دوكلاتى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلپ كېلىنگەن بولۇپ، خىتاي ۋەكىلى بېشەملىك بىلەن، چېخىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىۋېيتسارىيە، گوللاندىيە، ياپونىيە ۋەئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى «يالغان ئۇچۇر»غا ئاساسلانغان دەپ چالۋاقىغان ۋە ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مىلىتارىزم تارىخىنى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تارىخىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بېشەملىك بىلەن قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ