شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسماننىڭ بىر يىل ئاۋۋال كېسىۋېتىلگەنلىكى دەللەندى

ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە 1986‏-يىلىدىن بۇيان مېۋە بېرىشكە باشلىغان، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ساھەسىدە تەتقىقاتچى، دەرسلىك تۈزگۈچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئاز كەم 40 يىل خىزمەت قىلغان شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسمان يازغان 30 دىن ئارتۇق كىتابى، 100 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالسى، قاتناشقان 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، 2018 ‏-يىلى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بۇلتۇر 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى بىر  ئونىۋېرسىتېتتا لېكسىيە بەرگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر تۈركولوگىيە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان. 

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى يېقىندا ئۇنىڭ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئالغان. ئۇقتۇرۇش شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار بىر خادىمى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى غەيرەتجان ئوسمان ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى تارتتى، ئەمما ئۇ پروفېسسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىنكار قىلمىدى. 

ئىنكاستا دېيلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىسىم مەمۇرىي خادىملىرىغا بىرقانچە قېتىم مەخپىي يىغىن ئېچىلىپ، ئونىۋېرسىتېتتىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېنىقلاپ بېكىتىلگەن ئاتالمىش «جىنايىتى» ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. دېيىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرلار ئونىۋېرسىتېت خادىملىرى ئارىسىدا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا بىلدۈرۈلگەن، ئەمما ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن سىر تۇتۇلغان. 

غەيرەتجان ئوسماننىڭ «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىدىكى تەرجىمىھالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غەيرەتجان ئوسمان1958 ‏-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1978-‏يىلى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكلۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان تاكى2018 ‏-يىلى دەرس مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنگە قەدەر  غەيرەتجان ئوسماننىڭ 40 يىللىق ھاياتى شىنجاڭ ئونىۋېسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن. پەۋقۇلئالددە تىرىشچانلىقى، تىنىمسىز ئىزدىنىشچانلىقى بىلەن دىققەت تارتقان غەيرەتجان ئوسمان مول تەتقىقات نەتجىلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان. ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» قاتارلىق كۆپلىگەن يىرىك تەتقىقات ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىي ئوقۇتۇش لايىھەسى» قاتارلىق ئونىۋېرستېتنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىغا ئائىت دەرسلىك ماتېرىياللىرىغا ئەجرى سىڭگەن. 

ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا، غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئۆزى تۈزگەن بارلىق دەرسلىك كىتابلىرى ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىدە «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەددىدىن زىيادە كۆككە كۈتۈرۈش ئارقىلىق دۆلەت مەدەنىيىتىنى، يەنى خىتاي مەدەنىيىتىنى چەتكە قاققانلىقى ۋە نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈگەنلىكى» ئۇنىڭ ئاساسلىق «جىنايىتى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەمما ئونىۋېرسىتېت خادىملىرى بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقى، شۇڭا جاۋاب  بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، غەيرەتجان ئوسماننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پەن-مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكى ۋە مەزكۇر تەتىقات يۇرتىنىڭ يىغىنلىرىدا سۆزلىگەن بىر قىسىم لېكسىيەلىرىدىنمۇ «مەسىلە» چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئىنكاستا يەنە غەيرەتجان ئوسماننىڭ كېسىلگەنلىكىنىڭ بۇ يىل5 ‏-ئايدا ئۇقتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. 

شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر خادىمى مەزكۇر ئونىۋېرسىتېتتىكى يىغىنلاردا كېسىلگەنلىكى ئەڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، «غەيرەتجان ئوسمان» دەپ جاۋاپ بەردى، ئەمما ئۇ غەيرەتجاننىڭ كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. 

ئىنكاستا دېيىلىشىچە، غەيرەتجان ئوسمان ئىلگىرى ياپونىيەدىكى بىر ئونىۋېرسىتېتتا لېكسىيە بەرگەن بولۇپ، ئۇ تەكشۈرۈلۈش جەريانىدا ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى لېكسىيەسىدە   تىلغا ئالغان بىر قىسىم مىساللىرى «خىتاي مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش» دەپ قارالغان. ئۇنىڭ2008 ‏-يىلى تۈركىيە بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر تۈركولوگىيە يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە شۇ يەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشى «بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتى» دەپ قارالغان. 

پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسمان

شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدىكى خادىملاردىن بىرى غەيرەتجان ئوسماننىڭ كېسىم سەۋەبىدىن خەۋەرسىزلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ بىر يىل ئاۋۋال كېسىلىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق غەيرەتجان ئوسماننىڭ كېسىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەن كۆپ ساندىكى ياراملىق ئاسپىرانتلىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇنتۇلماس ئورۇن ئالغان غەيرەتجان ئوسماننىڭ بۈگۈن قايسى تۈرمىنىڭ قايسى كامىرىدا يېتىۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ