ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 2 – قېتىملىق سوتى (2) Uyghur sot kollégiyesining 2 – qétimliq soti (2) уйғур сот коллегийәсиниң 2 – қетимлиқ соти (2) «Uyghur sot kollégiyesi»ning tunji ispat anglash yighini , 6-ayning 4-küni 1-bölüm. «уйғур сот коллегийәси»ниң тунҗи испат аңлаш йиғини , 6-айниң 4-күни 1-бөлүм. #uygur#uyghur#dunyauyghurkurultiyi#xerkiturkistan#sherkiturkistan#kurultay#turkistan#turk#uygurturk#uyghurhewer#hewer#hawar#uygurhewer#уйғур#uyghursot#sot#uyghurtribunal#londonsot
Author: DUK Vakfı
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 2 – قېتىملىق سوتى (1)
Uyghur sot kollégiyesining ispat anglash yighini , 9-ayning 10-küni 1-bölüm
уйғур сот коллегийәсиниң испат аңлаш йиғини , 9-айниң 10-күни 1-бөлүм
تۈركىيەدە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ھەققىدە
تۈركىيەدە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ھەققىدە
Türkiyede Qurulghan Dunya Uyghur Qurultiyi Wexpi Heqqide
түркийәдә қурулған дуня уйғур қурултийи вәхпи һәққидә
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەتتىنچى نۆۋەتلىك ئىستانبۇل ۋەكىللىرى سايلىمى

شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسماننىڭ بىر يىل ئاۋۋال كېسىۋېتىلگەنلىكى دەللەندى

ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە 1986-يىلىدىن بۇيان مېۋە بېرىشكە باشلىغان، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ساھەسىدە تەتقىقاتچى، دەرسلىك تۈزگۈچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئاز كەم 40 يىل خىزمەت قىلغان شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى غەيرەتجان ئوسمان يازغان 30 دىن ئارتۇق كىتابى، 100 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالسى، قاتناشقان 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، 2018 -يىلى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بۇلتۇر 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، غەيرەتجان ئوسماننىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى بىر ئونىۋېرسىتېتتا لېكسىيە بەرگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر تۈركولوگىيە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئانالىزچىلار: قەشقەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلمەكتە.
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ئەنە شۇ خىل ئاقلاشنى مۇددىئا قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
تەپسىلاتى…دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە سايلىمى (نەزەر 51-سان)
Dunya Uyghur Qurultiyining 7- nöwetlik qurultiyi we saylimi (Nezer 51- san)
ئۇيغۇر مەسىلىسى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز ئۇرۇشى پەيدا قىلغان

4-ئاۋغۇست كۈنى، 11 ـ نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى سەۋەبىدىن تۇتۇشۇپ قالغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئاۋسترالىيە، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، رۇسىيە، كورېيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان بۇ تور يىغىنىدا ئانتونىي بىلىنكېن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغانىكەن.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەپسەندە بولۇپ كېلىۋاتقان ھەقلەردىن بىرىدۇر. ئامما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان
داۋام قىلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ لاگېرلارغا قاماشقا باھانە قىلىۋالغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ رېئاللىق مۇھىم تېمىلار قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئانتونىي بلىنكېن: خىتاي دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

12-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «2021-يىللىق ئەلېي ۋېسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. بايدېن ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىش خەۋپىگە قارىماستىن خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە خىتاينى دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ۋەياكى ئاشۇ جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بولغان ئالتە جاينىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى شۇنىڭدەك تۈرمىگە سولاش، قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى بېيجىڭنىڭ جىنايەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…