ئانالىزچىلار: قەشقەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ئەنە شۇ خىل ئاقلاشنى مۇددىئا قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

تەپسىلاتى…

ئۇيغۇر مەسىلىسى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز ئۇرۇشى پەيدا قىلغان

ئۇيغۇر مەسىلىسى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا سۆز ئۇرۇشى پەيدا قىلغان

4-ئاۋغۇست كۈنى، 11 ـ نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى سەۋەبىدىن تۇتۇشۇپ قالغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئاۋسترالىيە، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، رۇسىيە، كورېيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان بۇ تور يىغىنىدا ئانتونىي بىلىنكېن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغانىكەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Bu görsel boş bir alt niteliğe sahip; dosya adı 1982cf2e-6fd4-4a7a-9c5d-2e734a17b8b9.jpeg

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەپسەندە بولۇپ كېلىۋاتقان ھەقلەردىن بىرىدۇر. ئامما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان

داۋام قىلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ لاگېرلارغا قاماشقا باھانە قىلىۋالغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ رېئاللىق مۇھىم تېمىلار قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ئانتونىي بلىنكېن: خىتاي دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

12-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «2021-يىللىق ئەلېي ۋېسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. بايدېن ھۆكۈمىتى بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىش خەۋپىگە قارىماستىن خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە خىتاينى دۇنيادىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ۋەياكى ئاشۇ جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بولغان ئالتە جاينىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى شۇنىڭدەك تۈرمىگە سولاش، قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشنى بېيجىڭنىڭ جىنايەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدە باياناتى

د ئۇ ق ئاخباراتى ھۆججەت نومۇرى: DUQ 7-001

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن 6-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى، ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئېكران ئارقىلىق كۆرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆرۈشۈش بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق بلىنكېننىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك 6-ئىيۇلغا كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بلىنكېننىڭ كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدا تېخىچە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ئەنقەرە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئەنقەرە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە لىۋىيەنىڭ توبرۇك شەھىرىدىكى ئاۋام پالاتانىڭ ۋاقىتلىق بىناسى ئالدىدا تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ بۇ ھەقتىكى سوئالغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا: «بىز لىۋىيەنىڭ توبرۇك شەھىرىدە 2021-يىل 5-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن خامچوت سۆھبىتى جەريانىدا ئاۋام پالاتاسى ۋاقىتلىق بىناسى ئالدىدا بايرىقىمىزغا قارىتىلغان قەبىھ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

لىتۋا پارلامېنت ئەزاسى دوۋىلىي ساكالىني: «كوممۇنىستلارنىڭ ماھىيىتىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي كومپارتىيەسى، ئۆز پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان توپلۇقلارمۇ بىرلىكتە ھەر خىل شەكىلدە بۇ بىر ئەسىرلىك زۇلۇمنى خاتىرىلىدى.

1-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «بىر ئەسىرلىك زۇلۇمنىڭ تەبرىكلىگۈدەك ھېچنېمىسى يوق» دېگەن تېمىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىلەر خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلىۋاتقان «يۈز يىللىق شانلىق تارىخ» نىڭ دۇنياغا كۆرسەتمىگەن تەرىپىنى ئاڭلاتقان.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

پائالىيەتچىلەر: «ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ مالايسىيادىكى ھەقلىرى ئۇنتۇلمىسۇن!»

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە، ئاندىن بۇ جايدىن ئۈچىنچى بىخەتەر دۆلەتلەرگە بېرىشى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ئۇچۇر يوللىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆز مەنزىللىرىگە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتىنى داۋام قىلدۇرغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا يولدىكى دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قېلىپ يېڭىدىن مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى مالايسىيانى دائىملىق ئۆتكۈنچى نۇقتىلاردىن قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ قېلىشى، جۈملىدىن مالايسىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەكىتلىنىشى كۆپ تەرەپلىمە سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…