ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا دېلوسىنى كېلەر قېتىملىق سوتتا ئۇتۇپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن»

تۈركىيە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قويغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان دېلو ئەنقەرە شەھىرىدىكى بىر مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىدە 8-ئىيۇن كۈنى كۆرۈپ چىقىلغان بولسىمۇ ئېنىق بىر قارار چىقمىدى. سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسانىڭ ئادۋوكاتى، پروفېسسور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئەنقەرەدىكى 14-مەمۇرىي سوتى بىناسى ئالدىدا، سوت ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دولقۇن ئەيسانىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن دېلو كۆرۈپ چىقىلدى. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئىنتېرپول بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 2018-يىلى بىكار قىلغانىدى. تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىدا بىنائەن چەتئەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ 15 يىل كىرىش چەكلىمىسى قويغىلى بولىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇڭ…