20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
بىرىنجى جۇمھۇرىيەت: 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇر رەئىسى ۋە سابىت داموللام باش مېنىستىر بولغان.
سابىت داموللام بىرىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.
بۇ جۇمھۇرىيەت تەخمىنەن 3 يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىشى بىلەن، گومىنداڭنىڭ خىتاي مىللىتارىستى شىڭ شىسەي ۋە تۇڭگان قۇماندان ما جۇڭيىڭ تەرىپىدىن 1937-يىلى يىقىتىلغان. جۇمھۇر رەئىسى خوجا نىياز ھاجى (1941-1889) ۋە باش مېنىستىر سابىت داموللام (1934-1883) شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىككىنجى جۇمھۇرىيەت: 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلىخان تۆرە جۇمھۇر رەئىسى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى باش مېنىستىر بولغان.
ئېلىخان تۆرە ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.
بۇ جۇمھۇرىيەت تەخمىنەن 5 يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىشى بىلەن، كومىنىست ماۋ زىدۇڭ قۇرغان خىتاي كومىنىست دۆلىتى تەرىپىدىن 1949-يىلى ئىشخال قىلىنغان. باش مېنىستىر ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914) سىتالىن تەرىپىدىن 1949-يىلى موسكوۋادا ئۆلتۈرۈلگەن. جۇمھۇر رەئىسى ئېلىخان تۆرە (1976-1885) سوۋىتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەنت ئاستىدا ياشاپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن 1976-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.