خىتاي كومپارتىيىسى يۈرگۈزۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئايدىڭلاشقان قىسمەن ھەقىقەتلەر

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى

نەزەر

2020 – يىلى 19 – بويابىر ئا ق ش تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى پومپېئو ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىتاي كومپارتىيسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان دەھشەتلىك ۋە ۋەھشىي كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى ئىنتايىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ۋە تەرەققىپەرۋەر ۋە دېموكراتىك دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مىسلىسىىز ئىلھام ۋە ئۈمىت بېغىشلاش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھامان دېموكراتىيە يۈلۈنۈشى بۇيىچە تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىپلا قالماستىن، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە دىكتاتورلارنىڭ قاچانلا بولمىسۇن، ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

مېنىسىتىر پومپېئو ئۆزنىڭ باياناتى ھەققىدە يازغان «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يۈرگۈزۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن بۈگۈن شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا قازاق ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ باياناتنامە پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا كۆپ يىللىق ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزنىڭ، ھۆكۈمەتلەردىن ۋە غەيرى ھۆكۈمەتلەردىن تەشكىل تاپقان شېرىكلىرىمىزنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق چۈشىنى ئىسپاتلىشىنىڭ، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ قوللىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.». (ئۇيغۇر پروجېكتى فوندىنىڭ ئەپكار ژورنىلى «ئۇيغۇرلار» نىڭ 1- سانىدا بېسىلغان «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ي» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئېلىندى.)

مىنىسىتىرى پومپېئو يەنە بۇ جاكارنامىنى ئېلان قىلىشىنىڭ تۇلۇق پاكىت ئاساسلىرى بارلىقى ۋە ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ» دا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي دەپسەنچىلىكنى ئىزچىل كۆزۈتۈپ كەلگەنلىكى ھەمدە بۇ مەسىلىدە ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەتلەردە بولۇپ كەلگەنلىكنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمىتىمىز ئۆتكەن تۆت يىلدا مېڭە يۇيۇش ۋە ۋەھشىيلەرچە كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئۇزاق يىللاردىن بېرى دەپسەندە قىلىپ كەلگەن. ماركىسىزم – لېنىنىزم ئىدىئولوگىيىسىنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋالغان خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، بۇ تۈزۈمنى ئۇنىڭغا لايىق ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدى. ھۆكۈمىتىمىز خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى زىمىنىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۇۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرۇپ كەلدى. بىز ھەر قانداق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە مىللەتلەرگە دائىما قاتتىق دۈشمەنلىك بىلدۈرۈپ كەلگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرگە قارشى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇردۇق.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەھشىيانە ھەرىكەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان قولىمىزدىكى دەلىل – پاكىتلار ئۇيغۇر ئىلىنى ئىدارە قىلىۋاتقان يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ۋە قازاق، قىرغىز قاتارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇمىنى 2017 – يىلى مارت ئېيىدىن ئېتىبارەن كۈچلۈك رەۋىشتە ئاشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.». (ئۇيغۇر پروجېكتى فوندىنىڭ ئەپكار ژورنىلى «ئۇيغۇرلار» نىڭ 1- سانىدا بېسىلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىگە قارشى مايىك پومپېئونىڭ قارارى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئېلىندى.)

مەزكۈر بايانات زامانىمزدىكى ئىرقىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۆرەشكە يول كۆرسەتكۈچى نۇرلۇق ماياك بولۇپ قالغۇسى!
بۇ مەزكۈر قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۆز نوۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر مەسلىسىدە ھازىرغىچە مۈجمەل بولۇپ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى بىر قانچە پرىنسىپال مەسىلىلەرنى ئايىدىڭلاشتۇرۇپ بەردى: دېموكراتىيە ۋە دۆلەت مەنپەئەتى مەسىلىسى: بۇ قاراردا دېموكراتىيە بىلەن دۆلەت مەنپەئەتى مۇناسىۋىتىگە قارىتا توغرا جاۋاب بېرىلدى. ھەققىي دېموكراتىيىلىك تۈزۈم ئورنۇتۇلغان ھەمدە بۇ دېموكراتىيىلىك تۈزۈم ھەققي ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن دېموكراتىيە ھەر قاچان بىر گەۋدە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. دېموكراتىيە دۆلەت مەنپەئەتىدە دايىم ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. مەزكۈر قارارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولسا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساس بولغان پرىنىسىپ «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» دىكى «بىز تۆۋەندىكىدەك قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىمىزكى، ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىلا بارەۋەر يارىتىلغاندۇر، ھەممە ئادەمگە ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن ھېچكىم دەخلى- تەرۇز قىلالمايدىغان ھايات كەچۈرۈش، ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئىزدەش قاتارلىق ھوقۇقلار بېرىلگەن. بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كېرەك.» دىن ئىبارەت. (ئۇيغۇر پروجېكتى فوندىنىڭ ئەپكار ژورنىلى «ئۇيغۇرلار» نىڭ 1- سانىدا بېسىلغان « ئامېرىكا مۇستەقىلىق خىتاپنامىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن ئېلىندى.)

دۇنيانىڭ ھەققىي دېموكراتىيىسىنىڭ سىمۋولى بولغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھۆكۈمىتى دېموكراتىيەنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتى بولغان كىشلىك ھوقۇقنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىزچىل قوغداپ ھىمايە قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مەزكۈر قارار ئا ق ش ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا دېموكراتىيىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش جەھەتتە زامانىمىزدا چىقارغان ئەڭ مەشھۇر بىر ھۈججىتىدۇر.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ مەسىلىسى: مەزكۈر قارار بىر قانچە يىلدىن بويانقى چەتئەللەردىكى قىسمەن ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە قىسمەن ئۇيغۇر جامائەتلىكى ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان « <ئۇيغۇر مەسىلىسى> ھەل قىلىشتا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ئىشەنچىسىز، بۇ ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆز دۆلەت مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.» دېگەندىن ئىبارەت چۈشەنچىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر كۈز قاراش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

نۆۋەتتىكى خىتاي دۆلىتى، خەلقئارالىق ۋەزىيەت، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەمىلىيىتى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشتىكى ئىستراتېگىيە «تەشۋىقات ئۇيغۇرلاردىن، ھەل قىلىش ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن» بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نەچچە يىلدىن بويان بۇ جەھەتتە قىلىنغان ئىشلارمۇ بۇنداق بىر ئىستراتېگىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ۋە چەتئەللەردە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولۇشىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەتلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى ۋۇجۇتقا چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئېھتىماللىقنى بالدۇرراق قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر سىياسىي ۋە جامائەت تەشكىللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتى «ئۇيغۇر مەسىلىسى» بىلەن «ئۇيغۇر دەۋاسى» نىڭ پەرقلىرى بۇيىچە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.

2020- يىلى فېۋرال

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ