
تۈركىيە لىۋىيەنىڭ توبرۇك شەھىرىدىكى ئاۋام پالاتانىڭ ۋاقىتلىق بىناسى ئالدىدا تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ئېغىر ھۆرمەتسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ بۇ ھەقتىكى سوئالغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا: «بىز لىۋىيەنىڭ توبرۇك شەھىرىدە 2021-يىل 5-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن خامچوت سۆھبىتى جەريانىدا ئاۋام پالاتاسى ۋاقىتلىق بىناسى ئالدىدا بايرىقىمىزغا قارىتىلغان قەبىھ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
بىلگىچ جاۋابىدا، بۇ قەبىھ قىلمىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ترابلۇستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىىغا ۋەقە توغرىسىدا يازما ۋە ئېغزاكى ھالەتتە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ، بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يول قويۇلماسلىقى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ ھەرىكەتنىڭ تۈركىيە-لىۋىيە قېرىنداشلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى نىشان قىلغانلىقى ئېنىق. مۇستەقىللىقىمىز ۋە مۇقەددەس قىممەت قارىشىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بايرىقىمىزغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ۋە تېگىشلىك ئىنكاسلارنى باشقىلاردىن بۇرۇن دوست ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقىنىڭ بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمىز» دېدى.
لىۋىيەدىكى ئىشغالچى خەلىپە ھافتەر تەرەپدارلىرى، ئالدىنقى كۈنى لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە توبرۇك شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئەسنادا ئۇنىڭ ماشىنىسى ئۆتىدىغان يولغا تۈركىيە بايرىقىنى قويۇپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى.

خەتكۈچ: #بايراق , #لىۋىيە , #تۈركىيە
خەۋەر مەنبەسى: TRT