قەلبىنۇر سىدىق: «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دىن ئۈمىدۋارمەن!»

قەلبىنۇر سىدىق: «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دىن ئۈمىدۋارمەن!»

لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ‏ «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لوندونغا يېتىپ بارغان. ئۇ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا بارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاش قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىم تەكلىپ بويىچە بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.

مەزكۇر سوتقا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر، قازاق شاھىتلار ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق بىلەن لوندونغا يېتىپ كەلگەن.

رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر خانىم ئالدى بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە قاتناشقاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە قىلغان بېسىم-تەھدىتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۆزى توغرىلىق ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قەلبىنۇر خانىم يەنە بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغان تېمىسى توغرىلىقمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان بېسىم ۋە تەھدىتلىرى ئالدىدا ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن ئىككىنچى) «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرگە. 2021-يىلى 10-سېنتەبىر. لوندون، ئەنگلىيە

.

بۇ قېتىملىق سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارار چىقىرىشى دا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بار كۈچى بىلەن بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قارشى تۇرماقتىكەن.

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئىجابىي بىر نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنمەكتە.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ