ئەخمەت داۋۇتوغلۇ دوختۇرخانىدىكى ئەركىن ئالپتېكىننى يوقلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باش مىنىستىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەخىسنى زىيارەت قىلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 62-63-64-نۆۋەتلىك مىللەت ۋەكىلى ۋە سابىق باش مىنىستىرى ، كېلىچەك پارتىيىنىڭ رەئىسى پروفېسسور در. ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئەنقەرەدە دوختۇرخانىدا  داۋالىنىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەشھۇر رەھبىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئەركىن ئالپتېكىننى زىيارەت قىلدى.

كېلىچەك پارتىيىنىڭ رەئىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەشھۇر رەھبىرى ئەيسا يۇسىف ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ، ئەركىن ئالپتېكىننى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېتىدا زىيارەت قىلدى.

 كېلىچەك پارتىيە رەئىسى پروفېسسور در. ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا مۇئاۋىن رەئىس  در. سەلچۇك ئۆزداغ، سېلىم  تېمۇرچى ۋە مۇستافا گۆزەل قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.

ئەنقەرەدە تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ قالغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا ياتقان ئەركىن ئالپتېكىن ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ زىيارىتىدىن خۇرسەن ۋە رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. زىيارەت جەريانىدا ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلارچە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي قۇرغان لاگېرلاردا سىستېمىلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى ، داۋۇتوغلۇنىڭ باش مىنىستىرلىك مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ئىككى قېتىملىق زىيارىتى ۋە تەسىراتى ھەققىدە پاراڭلاشتى . كېلىچەك پارتىيە رەھبىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇمۇ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئەركىن ئالپتېكىننىڭ قىممەتلىك دادىسى ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە زىيارەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان بۇ زىيارەتتە ، كېلىچەك پارتىيىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كېلىچەك پارتىيىنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ داۋاسى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

باش  ۋىراچ ۋە دوختۇرخانا دوختۇرلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىننىڭ  ئەھۋالى توغرىسىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى سورىغان ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەركىن ئالپتېكىننىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلەپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلدى.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ