دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى

3-ماي كۈنى كەچقۇرۇن باشلاندى. بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىگە جايلاشقان 24 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىگە كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن سەھنىگە تۇنجى بولۇپ د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، جەريانى ۋە نىشانلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى. يىغىندا گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رايندېرېيسپاكېر (Markus Rinderspacher) ، چېخ پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىرى ئوبېرفالزېر (Jiri Oberfalzer) ۋە تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى پېنپا سېرىڭ (Penpa Tsering) قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

خەۋەر مەنبەسى: RFA

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ