ۋىجدان بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىكى تاللاش: 100 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرالامدۇ؟

4-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامىستېردامدىن ئوبزورچى ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى

4-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپلەر ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، سىياسەت ۋە قىلمىشلارنى كۆزدە تۇتقان. ھالبۇكى، خىتاي ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

5-مارت كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋولكېر تۈركنىڭ يۇقىرىقى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ، دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇمكى، 2022-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق كومىسسارى مىشېل باچېلېت (Michelle Bachelet) ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بىرقانچە سائەت ئىلگىرى «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۇ دوكلاتىدىكى بايانلارنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى دېيىلگەن. ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىدا گەرچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ «ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان.

دەرۋەقە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغىلى ئىككى يىلچە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا قىلچە ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق. ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

بۇ يىل 23-يانۋاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قەرەللىك تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى جەنۋەدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قاراپ چىققان، شۇنداقلا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزگەنىدى. ھالبۇكى، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان 160 دۆلەتتىن 120 گە يېقىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە «ياخشى باھا» بەرگەن. مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ۋە كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئافرىقالىق بىر دىپلوماتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، يىغىندا خىتاينى قوللاش توغرىلىق مەخسۇس تەلەپ ۋە تەۋسىيە تاپشۇرۇپ ئالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىمۇ بۇ يىل يانۋارنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ جەنۋەدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاراپ چىقىلغاندا، خىتاينى قوللاپ پىكىر قىلىشى ھەققىدە تەكلىپ خېتى ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ خاتىرىسىدە، بىر مۇتەخەسسىسنىڭ «قانچىلىك ئادەم تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرۇش مۇددىتى قانچىلىك، ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا خىتاي ۋەكىلىنىڭ بەرگەن جاۋابى كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ. يەنى خىتاي ۋەكىلى مەزكۇر سوئالغا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا «تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تېررورلۇق پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر» ئىكەنلىكى توغرىلىق لاپ ئۇرغان. ھالبۇكى، خىتاي بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلدۈرمەي ئېچىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا، «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكىلەرنىڭ يېنىك دەرىجىدىكى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن كىشىلەر بولغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاينىڭ ياكى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېرلارغا قاراتقان زىيارىتىدە، زىيارەت قىلىنغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بايانىدا «جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك»ىگە دائىر مەلۇماتلار يوق ئىدى. ئەكسىچە، لاگېرلارغا «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكى، كېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ كاللىسىدىكى ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى تازىلاپ، يېڭىۋاشتىن ئادەم بولۇش ئۈچۈن» ئىكەنلىكىدەك سەۋەبلەر بار ئىدى.

خىتاي 2019-يىلى ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتاب» ىدا، لاگېرلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ «تېررورلۇقنى تېررورلۇق يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال، يەنى بۆشۈكىدە يوقىتىش» ئىكەنلىكى بىلەن ئۆزىنى ئاقلىغان ئىدى. ھالبۇكى، «تېخى يۈز بەرمىگەن بىر مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ئالدىن بېكىتىش، ئۇنى تېررورلۇق بىلەن باغلاش ۋە يوقىتىش» نى مەقسەت قىلىپ «تەربىيەلەش مەركىزى» قۇرۇش، ئەقلى جايىدا بىر ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ بىمەنە ۋە چەكتىن ئاشقان مەنتىقىسىزلىق ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي يۇقىرىقىدەك يالغانلىرى بىلەن تاكى بۈگۈنگىچە ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ كەلمەكتە.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارالاشقان ئۆتكەن ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، خىتاينىڭ يالغانلىرى ۋە بۇ يالغانغا «ئىشەنگەن دۆلەتلەر» نىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش ھاسىل بولغىنى يوق!

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، خىتاي ئاغزىدىن چۈشۈرمەيۋاتقان «100 نەچچە دۆلەتنىڭ ب د ت دا خىتاينى قوللىشى» ھەرگىزمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋنىڭ ئېيتقاندەك، «ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن» بولغان ئەمەس! شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاينىڭ دۇنيا جامائىتىنى ئەخمەق چاغلاپ قىلىۋاتقان ئاشكارا يالغانچىلىقىنى ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان سەپسەتىلىرىنى خىتاينى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر پەرق ئېتەلمىگۈدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان ئەمەس، ئەلۋەتتە! بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە شۇكى، خىتاينى قوللاۋاتقان بۇ دۆلەتلەر ياكى مۇنداق ياكى ئۇنداق شەكىلدە خىتاي ئىقتىسادىغا تايىنىپ قالغان، خىتاينىڭ قەرز سىرتمىقىغا بوغۇلغان ياكى سىياسىي جەھەتتىن غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا قارشى مۇستەبىت دۆلەتلەردۇر. شۇڭا بۇ دۆلەتلەر ۋىجدان بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا ھېچ ئىككىلەنمەستىن مەنپەئەتنى تاللىغان، يەنى ئۆز مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن كۆرگەن. خىتايمۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان، خالاس.

خەۋەر مەنبەسى: RFA

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ