ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى – 60 يىللىق خىتاي زۇلۇمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ، 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرلىغان
ئومۇمىي دوكلاتى

تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

ئۈرۈمچىدىكى لاگېر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۇمانلىق ئورۇنلار سىستېمىلىق بىر گەۋدىمۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىملىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان خوڭيەنچى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى لىنىيە بويىچە دائىرىدىكى جايلاشقان گۇمانلىق ئورۇنلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى بىر مەزگىللىك كۆزىتىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقىغان ئىكەن. مەزكۇر ئورۇننىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى 310-يول قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ قارلىغاچلىق يولى ئاخىرقى بېكىتىگە جايلاشقان ھەربىي گازارمىغا يانداش، قورشاۋغا ئېلىنغان بىر لاگېر بايقالغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى رەت-رەت بىنالار ۋە قورشاۋ تام، كۆزىتىش مۇنارلىرى، مەيدان قاتارلىق نۇقتىلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلەردە ئىپادىلەنگەن نۇرغۇن نۇقتىلار، ھەربىي گازارمىغا يانداش سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

Read more

ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان كانادالىق ئائىلە: 2017-يىلىدىن باشلاپ ھەممە يەرنى ۋەھىمە قاپلىدى

ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان كانادالىق ئائىلە: 2017-يىلىدىن باشلاپ ھەممە يەرنى ۋەھىمە قاپلىدى
كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى بىلەن بىرلىكتە «خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق يىغىن تەشكىللىگەن كانادالىق ئەر-ئايال ئاندىرىيا(Andrea) ۋە گەررىي دىيك(Gary Dyck).

يېقىندا كانادالىق ئەر-ئايال ئاندىرىيا ۋە گەررىي دىيك كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى بىلەن بىرلىكتە «خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق بىر يىغىن تەشكىللىگەن ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇلار تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە دوكلات سۇنغان .

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بىز ئۇيغۇر ئېلىدە 2008-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە 10 يىل ياشىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا شاھىت بولغان بۇ كانادالىق ئائىلىنى زىيارەت قىلدۇق. گەررىي ۋە ئاندىرىيا دىيك ئائىلىسى دەسلەپكى 5 يىلدا ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئۆگەنگەن. 2014-يىلى تۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ ئورگانىك ئوغۇت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ ئورگانىك ئوغۇت ياساپ، ئۈزۈم سورتىنى ياخشىلاپ مول ھوسۇل ئالغان. ئەمما رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، چەكلىمىلەر، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئۇيغۇرلارغا بولغىنىدەك ئۇلارنىڭمۇ ھاياتىنى قېيىنلاشتۇرغانلىقتىن، 2018-يىلى كاناداغا قايتىپ كەلگەن.

Read more

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قانچە دۆلەت ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلدى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرغان
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كىرىس كونس(سودا) ۋە ماركو رۇبىئو(ئوڭدا) تەشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يىغىندا. 2017-يىلى 29-مارت، ۋاشىنگتون.

دۆلەتلەردىكى پاناھلىق ئىشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرامدۇ؟» دېگەندەك مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كىرىس كونس ۋە ماركو رۇبىئو بىرلىكتە ئامېرىكادىكى مۇساپىرلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىشلىرىدا نۆۋەتتە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مارت ئېيىدا فلورىدا شتاتىنىڭ دۆلەت مەجلىس ئەزاسى دېموكرات تېد دورچ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن دۆلەت مەجلىس ئەزاسى مارىيو دىئازبالارت قاتارلىقلار سۇنغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى قانۇن لايىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

Read more

ئەنگىلىيە پارلامېنتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 22-ئاپرىل بىلەت تاشلاپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېلان

ئەنگىلىيە پارلامېنتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»

قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيەلەردىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىغان 4-دۆلەت بولۇپ قالدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، خورلاش، سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئائىلىلىرىنى پارچىلاش، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، نۇپۇسىنى ئازايتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلدى.

قارار لايىھەسى 22-ئاپرىل ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىدا مۇنازىرە قىلىنغاندىن كېيىن پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، قارار لايىھەسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئەيىبلەنگەن. قارار لايىھەسى مۇنازىرىگە قويۇلغاندا كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى نۇسرەت غەنى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

Read more

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى لاگېرلار مەسىلىسىنى سىستېمىلىق يەكۈنلىدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  15-سىنتەبىر

ئۇيغۇرلار دىيارىدا سان ۋە كۆلەم جەھەتتە شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى» تەشكىلاتى ب د ت غا مەخسۇس تېمىدىكى دوكلاتنى سۇنغان ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليون كىشىنىڭ بۇ لاگېرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى. 10-سېنتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇنىڭدىنمۇ زور ھەجىمدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللار، ئۇنىڭدا كۆزلىنىۋاتقان مۇددىئا ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

«ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان مەزكۇر دوكلاتنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى مايا ۋاڭ تەييارلىغان بولۇپ، پۈتكۈل دوكلات ئالتە بابقا بۆلۈنگەن. بۇ دوكلاتتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشنى مەقسەت قىلغان ھازىرقى سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاتمىش يىل مابەينىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ۋە ئاددىي شەكىلدە چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىگە «سادىق» قىلىپ چىقىشنى كۆزلىگەن «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قانداق قىيناق ۋە باستۇرۇشلارغا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى سىستېمىلىق بايان قىلىنىدۇ.

Read more

ماركو رۇبىيو: خىتاي بىر يالغانچى ھۆكۈمەت

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكىدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئېشىپ، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى مەخپىي تۇتقانلىقى، شۇڭا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بەك چاكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي سان مەسىلىدە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خىتاي بىر يالغانچى ھۆكۈمەت. ئۇلار ھەققى ساننى يالغان ئېيتتى. شۇڭا ھەقىقىي سانى ھەرگىز بىلەلمەيمىز. ئۇلار باشتىن-ئاياق يالغان سۆزلىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكىلا ئەھمىيەت بەرگەچكە يالغان ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلار بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇڭا ئۇلار بىر شەھەرگە بېرىپلا ئۇنى ئەسكەرلەر بىلەن قورشاپ ھېچكىمىنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا قويمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئەمما بىز بۇ دۆلەتتە ئۇنداق قىلمايمىز.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن نوپۇسقا ئىگە بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن ئادەملەر كېلىدىغانلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەپەر قىلىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ۋەزىيىتىنىڭ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىدا يولغا قويۇلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يۇقۇم سانى تۆۋەنلىگەنگە قەدەر داۋام قىلمىسا بولمايدىغانلىقنى ئېيتتى.

ئۇ ئاخىرىدا كىشىلەرنى جىددىيلىشىپ كەتمەسلىككە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىت ئەمەس. دەۋر بىزنى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن جازالىشى مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تارقاتقان «كۆلەڭگىدىكى ئۇرۇش: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىكى خىرىسلار» ناملىق فىلىمدا 2003-يىلى تارقىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەسىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇرازاق سايىم، ساتتار ساۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە مەسئۇل كادىرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتقان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە كادىرلىرىنى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ۋە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك نۇقتىسىدۇر. بۇ فىلىم 2-ئاپرېل ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

Read more

ئىئانە قىلىڭ

ئىئانە قىلىڭ

بىزنىڭ بانكا ھېسابات نومۇرى

Türkiye İş Bankası
Şb. Zeytinburnu – 1062

Hesap Sahibi:
DÜNYA UYGUR KURULTAYI VAKFI

IBAN: TR31 0006 4000 0011 0621 0454 43 (₺)
Hesap No: 1062-1045443(₺)

IBAN: TR95 0006 4000 0021 0620 4902 22 ($)
Hesap No: 1062-0490222($)

IBAN: TR78 0006 4000 0021 0620 4902 37 (€)
Hesap No: 1062-0490237(€)