ماركو رۇبىيو: خىتاي بىر يالغانچى ھۆكۈمەت

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكىدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئېشىپ، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى مەخپىي تۇتقانلىقى، شۇڭا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بەك چاكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي سان مەسىلىدە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خىتاي بىر يالغانچى ھۆكۈمەت. ئۇلار ھەققى ساننى يالغان ئېيتتى. شۇڭا ھەقىقىي سانى ھەرگىز بىلەلمەيمىز. ئۇلار باشتىن-ئاياق يالغان سۆزلىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكىلا ئەھمىيەت بەرگەچكە يالغان ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلار بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇڭا ئۇلار بىر شەھەرگە بېرىپلا ئۇنى ئەسكەرلەر بىلەن قورشاپ ھېچكىمىنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا قويمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئەمما بىز بۇ دۆلەتتە ئۇنداق قىلمايمىز.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن نوپۇسقا ئىگە بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن ئادەملەر كېلىدىغانلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەپەر قىلىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ۋەزىيىتىنىڭ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىدا يولغا قويۇلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يۇقۇم سانى تۆۋەنلىگەنگە قەدەر داۋام قىلمىسا بولمايدىغانلىقنى ئېيتتى.

ئۇ ئاخىرىدا كىشىلەرنى جىددىيلىشىپ كەتمەسلىككە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىت ئەمەس. دەۋر بىزنى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ