تۈركىيەلىك ژۇرنالىست خىتاينىڭ «چەكلەنگەن رايونى»غا كىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يوشۇرۇن ھەقىقەتلەرنى پاش قىلدى

تۈركىستان تايمىز، ئىستانبۇل – 16-ئۆكتەبىر 2025: تۈركىيەلىك تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى تاھا قىلىنچ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا يوشۇرۇن زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىم ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يوقاپ كەتكەن جۇغراپىيەنىڭ ئىزىدىن – شەرقىي تۈركىستان ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇردى. سەربەستىيەت گېزىتىگە بەرگەن مەخسۇس زىيارىتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابى سەۋەبلىك بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىشى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە

ۋاشىنگتون [ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى]، 18-ئۆكتەبىر (ANI): دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ھەپتىلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى؛ د ئۇ ق تەشۋىقات، مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

خىتاي «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» ئۈچۈن يۈزلىگەن يېزىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى

نيۇ-يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش (Human Rights Watch) تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش» ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۈزلىگەن يېزىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن. ب ب س بۇ خەۋەر ھەققىدە خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان، ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى

يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاسىممېترىك ھالغا كېلىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىنكاسچىل ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ھالىتىگە كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ تەتقىقات ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە داۋاملىق تەسىرى بارلىقىنى ۋە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ماقالە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەلۇم مەزگىللەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش چەمبىرىكىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەتقىق قىلماقتا.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

تۈركىيە سوتى تۇنجى قېتىم، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدىكى 16-سوت مەھكىمىسى، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئۈستىدىن سوت ھۆكمى چىقىرىپ، ئەركىن ئابدۇۋەلى خىتايدا زۇلۇم بارلىقىنى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ، تايلاندىكى 40 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە سوتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا تۇنجى قېتىم ھۆكۈم قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى لوپنۇردىكى يادرو سىناق بازىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ»

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسىنى قۇرۇشى، لوپنۇردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنە ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈر ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ب د ت دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرىنى ئەرەب تىلىدا ئوتتۇرىغا قويدى

17-مارت شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش ئىشتابىدا، 58-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىن مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن بىر ھەيئەت بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۋەگە يېتىپ كەلگەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: مەسىلىلەر ۋە چارىلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېزدىن قارشى چىقىپ، «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھەقلەر ئەڭ ياخشى قوغدىلىۋاتىدۇ. بۇ دوكلات پۈتۈنلەي ئاساسسىز بايانلاردىن تۈزۈلگەن» دېگەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ۋېئام لېنا: «شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغان!»

«شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى كوممۇنىستىك خىتاي ئىشغال قىلغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئۆزگەرتكەن!»

بۇ شىۋېتسىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى 20-سېنتەبىر شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا تەشكىللىگەن مۇستەملىكىچىلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە فاشىزمغا قارشى «خەلق مال ئەمەس!» تېمىسىدىكى چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ئىدى. نامايىش شىۋېتسىيەدىكى ئىراقلىق تەتقىقاتچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى، بۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ۋېئام لېنا خالىد جامالنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نۇتقى بىلەن باشلانغان.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە 4- ماي كۈنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىغا خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قاراپ چىقىش» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…