«شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» جىددىي يىغىن چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەمكارلىق مۇنبىرى» جىددىي يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە يىغىندا بەزى مۇھىم قارارلار ماقۇللاندى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى رىياسەتچىلىق قىلغان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. تور يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھازىر خەلقئارادا مۇھىم ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى سوتى باشلىنىش ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سوتنىڭ جەريانىغا ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

راندى شىركىتىنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى «بالىلار لاگېرلىرى» (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندا ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان راندى شىركىتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكا جۇغراپىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى دەپ قارىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆزىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

بىز ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا راندى شىركىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق رايوندىكى 380 دەك گۇمانلىق ئورۇننى تەكشۈرۈپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ 2019- ۋە 2020-يىلى ئىزچىل ئاكتىپ ئىكەنلىكى، 2019-يىلى پەقەت 11 ئورۇن تاقالغان بولسىمۇ، 97 پىرسەنت ئورۇننىڭ پەقەت بىر قىسمىنىڭ بىخەتەرلىكى بوشاشقانلىقى، بىراق يېرىمىنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدۇق.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى رەسمى باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايىس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بۇ يىل 10-ماي كۈنى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوراي ئايدىن: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا باشتا بولۇپ بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن بىر پەيتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنگە ئىگە چىقىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ھاللاردا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئىنىسى خۇشتار ئەيسا ئەپەندى. 

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئىنىسى خۇشتار ئەيسا 1998‏-يىلى بىر قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى يىللىق كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئىدى. ئۇ 2017‏-يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا، ئۇ سابىق تۇتقۇنلار قاتارىدا قايتا تۇتۇلغان ۋە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن. بۇ ئۇچۇر خىتاي دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايگۇل مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان،

داۋامىنى ئوقۇڭ…