خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن كارتونگېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس، دوكتور ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي دوكلاتى 2021-يىلى 3-ئىيۇندا «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» تەھرىراتىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى. مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە يورۇتۇلغان بىر مۇھىم نۇقتا خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى «سىياسىي بىخەتەرلىك» مەسىلىسى قاتارىدا شەرھلىشى ھەمدە خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
داۋامىنى ئوقۇڭ…خەۋەرلەر
ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئۇچۇرلار (1)
خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئانتروپولوگىيە (ئىنسانشۇناسلىق) ساھەسىدىكى ئالىملاردىن گېرمانىيەلىك دوكتۇر ئادريان زېنز يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە دائىر تەتقىقاتلىرى بىلەن غەرپ دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات «مەنبەسى» بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئەستايىدىللىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى خۇلاسە چىقارغان تېمىلارنىڭ ماتېرىيال ئاساسىنىڭ رەسمىي يوسۇندىكى مەنبەلەردىن كەلگەن بولۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئانالىزچىلار: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ جىنايىتىنى تارتىپ چىقىپ، ئۇنى خەلقى ئالەمگە رەسۋا قىلىشنى داۋام قىلىدۇ»

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن بەزى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە سىياسىي مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان.
يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۆزەتچى» ژۇرنىلىدا «خىتاي چوقۇم ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ئورنى، رولى ۋە خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغان سىياسىي ئامىللار ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
داۋامىنى ئوقۇڭ…Dunya Uyghur Qurultiyi Uyghur Soti Heqqide Xulase we Seperwerlik Yighini Chaqirdi
Dunya uyghur qurultiyi 20 – iyun yekshenbe küni mexsus tor yighini chaqirip, Dunya uyghur qurultiyining teshebbusi bilen ötken yili 9 – ayda Londonda qurulghan Uyghur sot kolligiyesini maddi we meniwiy jehettin qollighan teshkilat we shexislirimizge, shundaqla 6 – ayning 4 – künidin 7 – künigiche Londonda chaqirilghan Uyghur sotida jesurluq bilen guwahliq bergen pütün shahidlirimizgha sherqiy türkistan xelqi namidin alahide minnetdarliq bildürüsh bilen birge, bu yil 9 – ayning 10 – küni Londonda chaqirilidighan 2 – nöwetlik uyghur sotining muwapiqiyetlik ötküzülüshi üchün omomiy seperwerlik bashlatti.
TEPSILATIتۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سېتىش ئورنىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
12-ئىيۇن شەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تىجارەت شىرىكى بولغان دوغۇش گۇرۇھى شىركىتى ئالدىغا بېرىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى ۋە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئاخىرلاشتى
ئەنگلىيە پايتەختى لوندون شەھىرىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۈگۈن، يەنى 7-ئىيۇن مەزكۇر يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئېموجىلار گۇۋاھلىق بېرىۋاتامدۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ۋە كونتروللۇقىغا قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. لوندوندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىن باشلانغان كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن «ئېموجى»، يەنى ھېسسىيات ۋە كەيپىيات ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرنى قوللانغان مىڭلارچە قىسقا ۋىدېيولار تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ قىسقا ۋىدېيولار ۋە ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئېموجىلاردىكى ئورتاقلىقلار، كۈزەتكۈچىلەردە «ئۇيغۇرلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقچىمۇ؟ گۇۋاھلىق بەرمەكچىمۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.
داۋامىنى ئوقۇڭ…ئىلياس دوغان: «د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا دېلوسىنى كېلەر قېتىملىق سوتتا ئۇتۇپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن»
تۈركىيە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيساغا قويغان تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان دېلو ئەنقەرە شەھىرىدىكى بىر مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىدە 8-ئىيۇن كۈنى كۆرۈپ چىقىلغان بولسىمۇ ئېنىق بىر قارار چىقمىدى. سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسانىڭ ئادۋوكاتى، پروفېسسور ئىلياس دوغان ئەپەندى ئەنقەرەدىكى 14-مەمۇرىي سوتى بىناسى ئالدىدا، سوت ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دولقۇن ئەيسانىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۈركىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن دېلو كۆرۈپ چىقىلدى. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن 1997-يىلى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئىنتېرپول بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى 2018-يىلى بىكار قىلغانىدى. تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىدا بىنائەن چەتئەللىكلەرگە ئەڭ كۆپ 15 يىل كىرىش چەكلىمىسى قويغىلى بولىدۇ.
داۋامىنى ئوقۇڭ…«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى 5-بۆلۈم
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى 5-بۆلۈم.
«Uyghur sot kollégiyesi»ning tunji ispat anglash yighini , 6-ayning 7-küni 5-bölüm.
«уйғур сот коллегийәси»ниң тунҗи испат аңлаш йиғини , 6-айниң 7-күни 5-бөлүм.
تەپسىلىي ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ: ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 4-بۆلۈم
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 4-بۆلۈم.
«Uyghur sot kollégiyesi»ning tunji ispat anglash yighini , 6-ayning 6-küni 4-bölüm.
«уйғур сот коллегийәси»ниң тунҗи испат аңлаш йиғини , 6-айниң 6-күни 4-бөлүм.
تەپسىلىي ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ: ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى