خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن جازالىشى مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تارقاتقان «كۆلەڭگىدىكى ئۇرۇش: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىكى خىرىسلار» ناملىق فىلىمدا 2003-يىلى تارقىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەسىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇرازاق سايىم، ساتتار ساۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە مەسئۇل كادىرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتقان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە كادىرلىرىنى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ۋە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك نۇقتىسىدۇر. بۇ فىلىم 2-ئاپرېل ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، 21-ئەسىردە بىر دەرسلىك كىتابنىڭ مەزمۇنى بىلەن، بۇ كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مەسئۇل كادىرلىرىنىڭ مەزكۇر دەرسلىك كىتاب سەۋەبلىك تېلېۋىزورلارغا چىقىرىلىپ، ئاتالمىش «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلدۇرۇلۇشى، ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش ياكى ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇشتەك ئېغىر جازالارغا دۇچار بولۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مەنتىقىنى چۈشىنىشتە قىينالماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت، ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلدىن بېرى غايىب بولغان نوپۇزلۇق تور بەتلىرىدىن «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ھەدىسىدۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلۈم جازاسى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بولسىمۇ، بىراق بۇ جازا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا غەرەزلىك زامىن بولغان ئېغىر جىنايەتلەرگە بېرىلىدىكەن.

ئۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۆلۈم جازاسى ھەتتا نۇرغۇن دۆلەتلەردە مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئەخلاقىي جەھەتتىن خاتا، دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەردە يوق. ھەتتا ئۆلۈم جازاسى مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەردىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا قەستەن زامىن بولۇشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەتلەرگە بېرىلىدۇ. دەرسلىك كىتابى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ئەھۋال دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق» دېدى.

بۇ كىتاب 2003 يىلى تارقىتىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا 13 يىلدەك دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى خىتاينىڭ بۇ كىتابنى ئەمدى كۆتۈرۈپ چىقىپ، رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا باغلىشىدۇر. رەيھان ئەسئەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ كىتابنىڭ تەستىقسىز دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دەرسلىك كىتابلىرى مەيلى خىتايدا ياكى ئامېرىكىدا بولسۇن ھەر ۋاقىت قائىدىلەشتۈرۈلىدۇ. دەرسلىك كىتابلىرىنى ئۇنداق ئاسان تەستىقلىمايدۇ. ئۇنىڭ تەستىقلىنىش جەريانىمۇ ۋاقىت ئالىدۇ. بۇ كىتابنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەستىقلىغان. مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، باستۇرۇش سەۋەبلىك ھەممە نەرسە قانۇنسىزلىق، بۆلگۈنچىلىككە، قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئايلاندى. بۇ كىتابنى بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆزى تەستىقلىغان، بۇ بىر پاكىت. ئەمدى بۇرۇلۇپلا ‹بۇ نەرسىلەرنى بايقىدۇق›دەيدۇ. ئەگەر بۇ مەنتەقە بىلەن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتاي تىلى مائارىپىدىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقايدۇ».

خىتاينىڭ «كۆلەڭگىدىكى ئۇرۇش: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىكى خىرىسلار» ناملىق فىلىمىدا، دەرسلىك كىتابىدىكى «7 قىزلىرىم”» نىڭ ھېكايىسى ۋە 1940-يىللاردىكى سابىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئاخىرقى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەسىمى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» نىڭ دەلىلى، دەپ كۆرسىتىلگەن. فىلىمدا دەرسلىك كىتابتىكى ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ 1765-يىلىدىكى مانجۇ چېرىكلىرىگە قارشى كۈرىشىدە قۇربان بولغان «7 قىز» نىڭ ھېكايىسىدىكى «مانجۇ ئەسكەرلىرى» دېگەن سۆز «خىتاي ئەسكەرلىرى» گە ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭدا «خىتاي ئەسكەرلىرى» گە قارشى ئۇرۇش تەرغىب قىلىنغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.

فىلىمدا يەنە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەيدىسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق ئوردېنىمۇ «بۆلگۈنچىلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ ئەيىبلەنگەن. ھالبۇكى، بۇ جۇمھۇرىيەت خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭ تەرىپىدىن 1949-يىلى «جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىرقىسمى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناس، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مانجۇ ئىمپېرىيەسىنى «خىتاي» دېيىشى بەك توغرا تەرىپ ئەمەس ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر پارچىسى دېيىشى ئۇنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن تىپىك مەيدانى. بولۇپمۇ خىتاي دۆلىتى مانجۇ ئىمپېرىيەسى ‹خىتاي› دېگەننى بەك تەكىتلەيدۇ. بىراق بۇنداق دېيىش بەكمۇ توغرا ئەمەس».

لېكىن شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دەرسلىك كىتابىنى تارتىپ چىقىپ، ئۇنىڭ مۇئەللىپلىرىنى جازالىشى ئۇنىڭغا «بەك ھەيران قالارلىق» تۇيۇلمىغان.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، «ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شەيتانلاشتۇرۇشىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ ماڭا بەك ھەيران قالارلىق تۇيۇلمىدى. ئەلۋەتتە بۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت نىمىنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە داۋاملىق بىر جىنايەت ئىپادىسى سۈپىتىدە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

يازغۇچى يالقۇن روزى ئۇيغۇر دەرسلىك كىتابىنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتنىشىپ 15 يىل كېسىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى، پائالىيەتچى كامالتۈرك يالقۇننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقات فىلىمىدا نۇرغۇن نەرسىلەر چېنىپ قالغان. ئۇ يالقۇن روزى قاتارلىقنىڭ 2018-يىلى 1-ئايدا سوتلانغانلىقى، خىتاينىڭ دەرسلىك كىتاب توغرىسىدىكى ھېكايىنى بىر يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ توقۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇنىڭدا يەنە شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش مۇھىم، بولۇپمۇ دەرسلىك كىتاب ۋەقەسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ تۇنجى بېشارەتلىرىنىڭ بىرىدۇر».

شون روبېرتسنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى قويۇق دىندار، رادىكال ياكى ئەسەبىي، دەپ قارىغان كىشىلەرنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم مەدەنىيەت ئەربابلىرىنى تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ قارىغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغان. ئۇ، شۇڭا ئۇيغۇر دەرسلىك كىتاب ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا «بەك ھەيران قالمىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ