لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان لاگېرلاردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە بىرىنچى قول دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن لاگېر شاھىتلىرى گەرچە ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رەھىمسىز قىيىن-قىستاق، نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇللارنى ئىشلىتىش شۇنداقلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ يامان تەسىرلىرى ھەمدە ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ھازىرمۇ چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.

گەرچە ئامېرىكىغا كەلگىنىگە 3 يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، بارغانچە ئوخشىمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇۋاتقان، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بەدەللەر تۆلەۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى، 2018-يىلى سېنتەبىردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە قوش كېزەك پەرزەنتلىرى بىلەن ۋاشىنگتونغا كېلىپ يەرلەشكەن مېھرىگۈل تۇرسۇندۇر.

مېھرىگۈل 2018-يىلى نويابىردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە لاگېر ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، بىگۇناھ ئاياللارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، بالىلىرى بىلەن ئايرىپ تاشلىنىۋاتقانلىقى، لاگېردا ئېغىر قىيىن قىستاقلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامەلۇم دورا-ئوكۇل سەۋەبلىك ھېيزىنىڭ توختىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلغانىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئېمىتىۋاتقان 3 كېزىكى ئىچىدىكى بىر بوۋىقىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەنلىكى، بىر بالىسىنىڭ لاگېردىكى ئىككى ئايدا 9 ئۆلۈمگە شاھىت بولغانلىقىدەك، ئۆزىنىڭ 3 قېتىملىق لاگېرغا سولىنىش جەريانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.

يېقىنقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېھرىگۈل تۇرسۇن گەرچە ئۆزى ۋە 6 ياشلىق ئىككى پەرزەنتىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ياردىمىدە داۋالىنىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىندا ئۆزىنى داۋالاۋاتقان دوختۇرنىڭ ئۇنىڭغا 95% قايتا پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەندە قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ئېيتتى:

مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ رادىيومىزغا تەمىنلىگەن دوختۇر دىئاگنوزى ئارخىپلىرى ئۇنىڭ بىر قانچە خىل قانلىق يىرىڭلىق ئىششىق ۋە ياخشى خاراكتېرلىك ئۆسمىلەر سەۋەبلىك ئاياللار دوختۇرى تەرىپىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى، ئوڭ قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، لاگېردىكى قىيىن-قىستاقلار قالدۇرغان روھىيدىكى يارىلارنى داۋالاش ئۈچۈن كۆپ خىل پسىخولوگىيە دورىلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىچىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى دەللەيدۇ. ئەمما ھازىرمۇ خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلىك تەھدىت ۋە ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان مېھرىگۈلنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى توغرا تاپتۇق.

ئەمما مېھرىگۈلنىڭ داۋالىنىشى جەريانىدا، تەرجىمانلىق قىلغان پىدائىي، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ فەيىرفاكىس ئىنوۋا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە مېھرىگۈلنى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە داۋالاشقا تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا، مېھرىگۈلنىڭ ئازابلىرىغا ھەتتا دوختۇرلارنىڭمۇ ئېچىنىپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى:

ئىككى ئايغىمۇ توشمىغان بوۋاقلىرى بىلەن مىسىردىن ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن مېھرىگۈل ئەينى چاغدا 3 كېزەك ئېمىۋاتقان بالىلىرىدىن ئايرىلىپ لاگېرغا قامالغان، ئۇنىڭ ئەينى چاغدا سۈتتىن ئايرىلغان بالىلىرى ئاغرىپ بالنىستقا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. مېھرىگۈل ئىلگىرى 3 قېتىم قايتا-قايتا لاگېرغا سولىنىش جەريانىدا، ئىككى بالىسى 2 يىلدىن ئارتۇق ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتىلگەن. مېھرىگۈل ئىلگىرى بالىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسىز، گېلىدىن ئوزۇقلۇق يەتكۈزىدىغان ئىشلانكا تىقىشقا ئوخشاش ئوپېراتسىيەلەرگە ئۇچراپ، قالدۇق ۋە ئەگەشمە كېسەل ئالامەتلىرى قالغانلىقىنى ئاڭلاتقانىدى.

بالىلىرى مىسىر پاسپورتىدا بولۇش سەۋەبلىك لاگېردىن قۇتۇلۇپ ئىككى بالىسى بىلەن ئاۋۋال مىسىرغا كەلگەن مېھرىگۈل ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئەركىن ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرى قالدۇرغان ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي ئازابلاردىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكى، ھەتتا ئىككى بالىسى بىلەن تەڭ مېيىپلىك كىنىشكىسىغا ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلىپ: «توغرا، بىز خىتايدىن قۇتۇلۇپ ھايات قالدۇق، ئەمما نىمجان بولدۇق» دەيدۇ.

ئەمدىلا 31 ياشقا كىرگەن مېھرىگۈلنىڭ قايتىدىن پەرزەنتلىك بولۇش چۈشى كۆپۈككە ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنىلا مىسلىسىز جىسمانىي ۋە روھىي بېسىم ھەم ئازابلىرىنى يېڭىپ، بالىلىرىنى دادىسىز يالغۇز چوڭ قىلىشقا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنى يەنىمۇ كەڭ ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. ئۇ ئازابلىرىنى يېڭىشىگە نېمىنىڭ كۈچ بولۇۋاتقانلىقىغا جاۋابەن: «چۈنكى خىتاينىڭ ئۈستىدە يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان قەرزى بار، مەن بۇنى ئاڭلىتىشىم كېرەك» دەيدۇ.

شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇندىكى قىيىن-قىستاقنىڭ ئىزلىرى ۋە نامەلۇم دورىلارنىڭ تەسىرلىرى ئۈستىدىن، ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن خەۋەردار بولغان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گىرىۋ. مۇنداق دېدى: «مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش جەريانىغا شاھىت بولدۇم. ئەپسۇسكى ھەر قانداق دورىنىڭ تەسىرى ئىنسان بەدىنىدە بىر قانچە ئايدا تامامەن تارقاپ بولىدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە لاگېردا ئىشلىتىلگەن دورىلارنىڭ ئۇلارنىڭ بەدىنىدە، قېنىدا ياكى كۆپىيىش سىستېمىسىدا پەيدا قىلغان مەڭگۈلۈك تەسىر ياكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ تاپماق رىقابەتلىك بىر مەسىلە ئىكەن. لېكىن مەن بۇ خىل نامەلۇم دورىلارنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەرنى، خىتاينىڭ لاگېردىكىلەرگە مەجبۇرىي قوللىنىۋاتقان نامەلۇم دورا-ئۇكۇللىرى ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئىنسانلارغا بۇ دورىلارنى يەتكۈزۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ۋە پاكىتلارنىڭ ئىزى قالىدۇ. كىم بۇ دورىلارنى ياساۋاتىدۇ؟ ئۇ قانداق دورا، قانداق ئورۇنلار تەمىنلەۋاتىدۇ؟ بۇلار دوكلاتلاشتۇرىلىشى شەرت. بۇلارنى تەكشۈرۈش تېگىشلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق جازالاش لازىم، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

لۇئىسا خانىم يەنە ئۆزىگە ئايان بولغان مەلۇماتلارنىڭ، ئامېرىكىدىكى ئايال لاگېر شاھىتلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇپ سۈپىتىمىز بىلەن بۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سالامەتلىكىدىن قايغۇرىمىز. ئۇلارنىڭ لاگېردا باشتىن كەچۈرگەن قىيىن-قىستاق، قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۇلارنى جىسمانىي پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىپ ۋە تۇرمۇشىغا زور سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتىمىز».

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرىدىن قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا ئەگىشىپ، بۇ قىلمىشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ھەققىدىكى چۇقانلار تۇشمۇتۇشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا، بىۋاسىتە ياردەملىشىپ، قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىشكە ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە خىتاي سەھىيە تەشكىلاتلىرىغا «يەر شارى ماگېنتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىش جىددىي مۇزاكىرە باسقۇچىغا كىرگەنلىكى مەلۇم.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن 65 پىرسەنت ئازايغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئادرىيان زېنزنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قېلىش ئارقىلىق رەت قىلغان بولسا، مېھرىگۈل قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يالغان كېسەللىك ئارخىپلىرىنى ياساپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقى ھەتتا لاگېرغا كىرگەنلىكىنىمۇ يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

(بۇ يۈرۈشلۈك مەلۇماتنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.) AddThis Sharing ButtonsShare to FacebookShare to TwitterShare to PrintShare to EmailShare to More

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ