نۇرى تۈركەل: «مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزى شان-شەرەپ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Nury-Turkel-100-ning-biri.jpg

بۇ يىل 26-ماي كۈنى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا كومىسسار بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىگە بىر يىل بولىدۇ. ئادۋوكاتلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىياسىي كىرزىسقا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، مول كەسىپىي بىلىمى، يۇقىرى تىل سەۋىيەسى ۋە زېرەكلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن، كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئامېرىكادىكى ئىككى چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى قاتارلىق سالاھىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە ئېرىشكەن نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا. ئۇنىڭ سىياسەت مەيدانىدا ياراتقان نەتىجىلىرى ۋە كۆرسەتكەن تەسىرى خەلقئارادىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىل «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولسا، بۇ يىل «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادا تەسىرى چوڭ 50 رەھبەر» قاتارىغا كىرىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈردى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا قىلغان خىزمەتلىرى، ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ۋە بۇنىڭغا بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن يىل ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى بولۇپ تەيىنلىنىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىگە پايدىلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا قىلغان دەسلەپكى خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۆلەت مەجلىسىگە مەسلىھەت بېرىدىغان ئورگان بولغىنى ئۈچۈن بىز ھالقىلىق پىكىر-مەسلىھەتلەرنى بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئىجرائاتىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق. مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلغان 1999-يىلدىن بۇيان، ھەر يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئېغىر دۆلەت دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنىمۇ تىلغا ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ كومىتېتقا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدا دىنىي كىملىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، باشقا كومىسسارلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دائىر يېڭى مەزمۇنلار قوشتۇق. مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تېخنىكىلىق نازارەت مەسىلىسى مېنىڭ تەشەببۇسۇم بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ جىنايىتىگە خەلقئارا جىنايى قىلمىشلار نۇقتىسىدىن باھا بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارغا خەلقئارالىق ئىنسانىي ياردەم بېرىش جەھەتتە قىلغان خىزمەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن كومىتېتقا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا كومىسسارلار بىلەن بىرلىكتە سابىق تاشقى ئىشلار مىنستىرى مايك پومپېيوغا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ جىنايەتكە ئېنىق تەبىر بېرىش، يەكۈن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانىدۇق، 5 ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ يەكۈنى چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلار ھەممىلا يەردە ئىنسانىيلىق كىرزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بويىچە ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەشەبۇسلارنى سۇنۇپ كەلدۇق. ئۇيغۇر كىرزىسىغا ئائىت مەسىلىلەر توغرۇلۇق گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ئۆتكۈزدۇق، بۇلارغىمۇ مەن يېتەكچىلىك قىلدىم».

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىقى خىزمەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقى ۋە خەلقئارادا يۇقىرى شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆتكەن يىل ‹تەسىرى بار 100 مەشھۇر شەخس› قاتارىغا كىرىشىم ۋە بۇ يىل ‹تەسىرى بار 50 رەھبەر› دەپ ئېلان قىلىنىشىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىلگەن شان-شەرەپ دەپ كۆرۈش كېرەك. چۈنكى مەن ئۆز ئىسمىم ۋە ھۆكۈمەت نامى بىلەن خىزمەتلەرنى يۈرۈتۈۋاتقان بولساممۇ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى خەلقئارا دەرىجىدە تونۇش ئەھۋالى مەۋجۇت. شەخسىي تىرىشچانلىق، سىياسىي ۋەزىيەت ۋە نەتىجىلەر بىرلەشكەن ئەھۋالدا ئاندىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ ھەر ئىككى شان-شەرەپنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تونۇش (ئېتىراپ قىلىش) دەپ بىلىمەن. شۇنىمۇ تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، مەن ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ھېچقاچان بىر ئادۋوكات بولىمەن، بىرەر كۈچلۈك سىياسىي رەھبەر تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىمەن ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىمەن دەپ كۈتۈپ باقمىغان. لېكىن بۇ خىزمەت ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەر جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ماڭا بۇ شەرەپلەرنى بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مىننەتدارمەن،» دېدى.

ئۇ يەنە بۇ شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا دەرىجىلىك بۇنداق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەندە تەبىئىيكى خۇشال بولۇش كېرەك. لېكىن قۇربان بېرىۋاتقان ۋەتەنداشلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگەن ۋاقتىمىزدا ھەر قانداق خۇشاللىنارلىق ئىشمۇ كىشىگە خۇشاللىق بەرمەيدىغان پىسخىك ھالەت شەكىللىنىپ قالىدىكەن. شۇڭا چەت ئەللىكلەر مەندىن ‹قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتىسەن؟› دەپ سورىسا مەن ھەر زامان ‹ھېسسىياتىم مۇرەككەپ، كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلمەيمەن، ئەمما سىلەرنىڭ ۋەتەن-مىللەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى، بەرگەن قۇربانىنى تونۇغىنىڭلارغا رەھمەت› دەپ جاۋاب بېرىپ كېلىۋاتىمەن».

سۆھبىتىمىز داۋامىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆز مىللىتىگە بولغان تەبىئىي مۇھەببىتى ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى ئېرىشكەن شان-شەرەپلەرنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە «مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزىلا شان-شەرەپ» دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ