لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (2)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (2)
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشتا. 2021-يىلى ئاپرېل، ۋاشىنگتون.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ئېلىپ بېرىپ، بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغا قەدەر بىگۇناھ ئىنسانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ، مېڭە يۇيۇش، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقىنى، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئىسپاتلاشتا لاگېردىن تېرىك قۇتۇلۇپ چەت ئەللەرگە چىقالىغان ساناقلىق لاگېر شاھىدلىرى ھالقىلىق رول ئويناپ كەلدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ لاگېردا چەككەن قىيىن-قىستاقلىرى، بولۇپمۇ ئاياللارغا قوللىنىلغان مەجبۇرىي توغماس قىلىشتىكى رەھىمسىز ۋاسىتىلەرنىڭ ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇلارنىڭ بىرى يېقىندا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى مەلۇم ئۆسمە كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئوپىراتسىيەدىن چىققان لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇتتۇر.

2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن-6 ئايغىچە ئۈرۈمچىدىكى لاگېرغا سولانغان زۇمرەت داۋۇت پاكىستانلىق ئېرىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن گەرچە خىتاينىڭ لاگېرىدىن ساق چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۆمۈرلۈك تۇغماسلىق ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى زۇمرەتنىڭ ئېرى بىلەن پاكىستانغا كېتىشىگە يول قويۇشنىڭ شەرتى قىلغان.

زۇمرەت 2019-يىلى 1-ئايدا پاكسيتانغا، 4-ئايدا پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكاغا كەلگەنىدى. رادىيومىزدا ئىلگىرى زۇمرەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەپسىلىي سۆھبەتلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپپىدىن 2018-يىلى 10-ئايدا مەجبۇرىي ھالدا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بوغدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەجبۇرىي ۋە ئومۇمىييۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان مەڭگۈلۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

زۇمرەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خەۋپى ۋە يامان تەسىرلىرىنىمۇ چۈشەندۈرمىگەن. ئوپېراتسىيە قوپال مۇئامىلە ۋە ناچار شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

زۇمرەت بۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئېغىر ئەكس تەسىرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمىگەن زۇمرەت تېخى بىر قانچە ھەپتە ئالدىدا 2-قتىم ئاياللار بۆلۈمىدە ئۆپىراتسىيە قىلىنغان.

يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ۋېرجىنىيەدىكى ئۆيىدە كۈتىنىۋاتقان زۇمرەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دوختۇرنىڭ ئۆزىگە خىتايدا قىلىنغان شۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيەنىڭ ماتكىدا راك پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ-3 قېتىملىق ئوپېراتسىيەگە كىرىشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئازابلار ئىچىدە بايان قىلدى.

زۇمرەت داۋۇت 2019-يىلى 24-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ناملىق يىغىندا شاھىد سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق پاكىتى سۈپىتىدە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئەمما شۇندىن بۇيان زۇمرەت داۋۇت خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمەت زۇمرەت داۋۇتنى «يالغانچى» دەپ ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. بۇ يىل 9-ئاپرىل كۈنى خىتاي ئاچقان «شىنجاڭ مەسىلىلىرى بويىچە ئاچقان 7-نۆۋەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى» دا، ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇت بىلەن يەڭگىسىخىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا زۇمرەتنىڭ ئامېرىكادىكى گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ ۋىدىيولۇق سۆزلىگەن ئىدى.

خىتاي بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە زۇمرەت ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىگە قوشۇلغانلىقى ھەققىدىكى قول قويغان ئىمزالىق ھۆججىتىنىمۇ كۆرسەتكەن. زۇمرەت ئۇنىڭدىكى ئىمزادىن تارتىپ خىتاينىڭ ساختا ئويدۇرمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زۇمرەت ئىلگىرى رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن دوختۇر ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارى بويىچە تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىدە تۇرۇبىنى قاتلاش ئۇسۇلى قوللانغان بولسا، يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بارغان ئۇسۇلىنىڭ تۇرۇبا يولىنى كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ پۈتۈك ھالەتكە كەلتۈرۈلىدىغان، مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان كەسكىن ۋە ئەجەللىك ئۇسۇل ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

زۇمرەتنىڭ يېقىنقى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە بىز دوختۇرنىڭ رەسمىي ھالدىكى ئىسپاتىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى زۇمرەت داۋالىنىۋاتقان ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ زۇمرەت ئارقىلىق رادىيومىزغا تەمىنلىگەن ئىسپاتلىق خېتى، خىتاينىڭ زۇمرەت ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرمائىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

زۇمرەتنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇر دېۋىن خانىم ئۆز ئىمزاسى بىلەن زۇمرەتنىڭ كېسەللىك دىئاگنوزى ھەققىدىكى ئىسپاتنامىگە ئېنىق قىلىپ: «زۇمرەت داۋۇت خانىم مېنىڭ داۋالىشىمنى قوبۇل قىلىۋاتقان بىمار. ئۇنىڭ ئۈچ يىل ئاۋۋال خىتايدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇچرىغان تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيەسى ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە خىلاپ ھالدا قىلىنغان. بۇ ئوپېراتسىيە ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولۇشىغا سەۋەب بولغان،» دەپ يازغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتنىڭ ئېرى ئىمران ئەپەندى ئايالى زۇمرەتنى لاگېردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئاۋۋال پاكستانغا كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئامېرىكاغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغدانلىقىنى، ھاياتىنى قايتا-قايتا يېڭىباشتىن باشلاش جەريانىدا پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ ئوخشاشلا ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى، ئەمما بۇلارنى ئايالىنىڭ تارتقان جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئازابلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ «يېڭىدىن پىلانلىنىۋاتقان ئائىلىلەر» تېمىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىدە 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلەش بولغانلىقى پاكىتلار ئارقىلىق ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىندى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشۇ ئىككى يىلدىلا ئاز دېگەندىمۇ 160 مىڭ ئۇيغۇر بوۋاق كەم تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ خىل غايەت زور نىسبەتتىكى تۇغۇت كرىزىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدىكى تۇغۇت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ كېلىۋاتقان 71 يىلدىن بۇيان ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەن.

زۇمرەت داۋۇت خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشتەك ۋەھشىيانە تەدبىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مىليونلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇ لاگېردىن ھايات چىقالىغان ۋە ئامېرىكاغا يېتىپ كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر قالدۇرغان جىسماني ۋە روھي جەھەتتىكى جاراھەتلەردىن تېخىچە ساقىيىپ بولالمىغان3 نەپەر لاگېر شاھىدىنىڭ بىرى، خالاس.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ