لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (3)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (3)

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «مەن ئادالەت ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن. . .»

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قازاقىستاندىكى ئېرى خالمىرزانىڭ توختىماي ئەرزى قىلىشى بىلەن گەرچە لاگېردىن چىقىپ قازاقىستانغا كەلگەن بولسىمۇ، لاگېردا ئۇچرىغان جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارنىڭ قالدۇرغان قانلىق يارىلىرىدىن ساقىيالماي، ئاۋۋال تۈركىيەگە چىقىپ داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئىزدىگەن. تۈركىيەدە تېگىشلىك جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان تۇرسۇنئاي، ئاخىرى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، بۇلتۇر سېنتەبىردە دەرھال ۋاشىنگتونغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى.

ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ھازىرمۇ داۋالاش قوبۇل قىلماقتا. گەرچە ئۇ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ توختىماي كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قازاقىستاندىكى ھەمراھى خالمىرزادىن قايتا ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. تۇرسۇنئاي، جىسمانىي ئازابلارنى يېڭىشكە قارىغاندا، روھىي ئازابىنى يېڭىشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قازاقىستانلىق ئېرى خالمىرزا بىلەن ئالتايدا.

تۇرسۇنئاي:

-توغرا مەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقالىدىم، ھايات قالدىم، ئەمما ئىنسان ۋە بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئارمانلىرىم، پەرزەنتلىك بولۇش چۈشلىرىمدىن تارتىپ كۆپۈككە ئايلىنىپ، ھاياتىم خىتاي تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى.

2017-ۋە 2018-يىللىرى ئىككى قېتىم جەمئىي 9 ئاي غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاگېرىغا قامالغان تۇرسۇنئاي، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ-2018 يىل ئاخىرىدا قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندىمۇ ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك پاراكەندە سېلىشى ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتقانىدى.

تۇرسۇنئاي ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن گەرچە بۇنداق ئەندىشىلەردىن قىسمەن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكا ھاياتىغا ئاستا-ئاستا ماسلىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما قازاقىستاندا قالغان ئېرى خالمىرزاغا ۋە خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان تۇغقانلىرىغا بىرەر پاراكەندىچىلىك يېتىشىدىن ھەمىشە ئەنسىرەپ، گاھىدا گۇناھكارلىق تۇيغۇلىرىدا ئازابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خالمىرزا: ئايالىمنىڭ جاسارىتىدىن پەخىرلىنىمەن

تۇرسۇنئاينىڭ ب ب س قاتارلىق خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلارغا خىتاينىڭ لاگېردا بىگۇناھ قىز-ئاياللارغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەپ ئېلىش بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېرى خالمىرزانىڭ قازاقىستاندا ئاچقان ئامبۇلاتورىيەسىمۇ تاقالغان. ھازىر ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان، ئايالى تۇرسۇنئاي بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان دوختۇر خالمىرزا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بولسا، ئايالى تۇرسۇنئايدىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ئايالى بىلەن تەڭ بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خالمىرزا:

-تۇرسۇنئاينىڭ لاگېردىن چىقىشىلا ئەمەس ئۇنىڭ ھايات قېلىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، مەن بۇنىڭغا شۈكرى دەيمەن. ئويلاپ بېقىڭ، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تۈركىيەدە دوختۇرلار ئۇنى ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەنىدى. مەن ھەتتا يەرلىكمۇ تەييارلىغانىدىم. ئۇ بەك جاسارەتلىك ئايال، ئۇ كۆرسەتكەن جاسارەت ۋە بەرگەن قۇربانلىقلار ئاسان ئەمەس. مەن ئايالىمدىن بەك پەخىرلىنىمەن. مەيلى قانچە ئۇزۇن ۋاقىت كەتسۇن، بىز ھامان ئۇ جەم بولىمىز. تۇرسۇنئاينىڭ ئىشلىرىنى قوللايمەن، ئۇنىڭغا داۋاملىق يار يۆلەك ۋە روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىپ تۇرۇشۇم كېرەك. مەن ئايالىمنى سۆيىمەن، ئۇيغۇر خەلقىنى سۆيىمەن، خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان يوقىتىش، بىز بۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.

لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بولۇپمۇ تۇرسۇنئايدەك ۋەھشىيانە مۇئامىلىلەرنىڭ قۇربانى بولغان بىر ئايال كىشىنىڭ، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ئۇستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشى ئاجايىپ زور جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ، تۇرسۇنئاينىڭ بۇ جاسارەتكە كېلىشىدە، ئۇنىڭ ئېرى خالمىرزا ئەپەندىنىڭ قانچىلىك رىغبەتلەندۈرۈش رولىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېس قىلىش تەس ئەمەس.

لۇئىسا: خىتاي زۇلۇمىنىڭ مەيلى بىۋاسىتە ۋەياكى ۋاسىتىلىك قۇربانلىرى بولسۇن ئوخشاشلا بەدەل تۆلىمەكتە

ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى لۇئىسا گىرېۋ خانىم، ئۆزىنىڭ تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان جاسارىتى ۋە پىداكارلىقىغا ئىنتايىن قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، ، ئەمما ئۇلارغا لاگېردا كۆرگەن ۋەھشىي قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ، روھىي ۋە جىسمانىي ھەر ئىككى تەرەپتىن يامان تەسىرلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

-لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىدىن كۆرەلەيمىزكى ئۇلار لاگېردا ئۇچرىغان ۋەھشىي مۇئامىلە ۋە قىيىن-قىستاقلارنىڭ ئازابلىرىدىن تەلتۆكۈس ساقىيىپ كېتەلمىدى. بۇ ئۇلار تۆلەۋاتقان بەدەل جىسمانىي ۋە روھىي ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمدە ئۇزۇن مەزگىللىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداقلا يالغۇز بىۋاسىتە لاگېرغا قامالغانلارلا ئەمەس، ۋاسىتىلىك لاگېر قۇربانلىرى بولغان ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئوخشاشلا بەدەل تۆلىمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇچراۋاتقان ئازابلىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز ۋە بارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاستىدىكى خەلق تۆلەۋاتقان بەدەللەردىن ئېغىر ۋە جىددىي ئەندىشە قىلىمىز. بارلىق بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسى دىققەت قوزغىشى كېرەك. ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ دوكلاتلاشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

لۇئىسا خانىم يەنە تەشكىلاتىنىڭ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، دۇچ كېلىۋاتقان پسىخولوگىيەلىك ئازابلىرىنى يېڭىشى ئۈچۈن، مەسلىھەت بېرىش پروگراممىسىنى يولغا قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

-بىز خىتاينىڭ بۇ خىل سىستېمىلىق يوقىتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان لاگېر شاھىتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ھەر قانداق ئۇيغۇرلارغا بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە، زۆرۈر پسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشنى، ياردەم تۈرى سۈپىتىدە يولغا قويۇپ پائالىيەت باشلىدۇق، گەرچە بۇ پروگرامما نوقۇل داۋالاش بولمىسىمۇ بۇ تەرەپتىن مەسلىھەتكە موھتاج ئۇيغۇر، قازاق ۋە ھەر قانداق كىشىگە ياردەمدە بولۇشقا تەييارمىز.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن پەقەت قازاقىستاندا تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ لاگېردىكى ھاياتى ھاياتى، 9 ئاي كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە بارلىق قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قېلىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى، ھەتتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى مەجبۇرىي ئىچىش، ئاخىرىدا قايتا-قايتا باسقۇنچىلىققا ئۇچراشتەك ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنچلۇق جىنايەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئۇ ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىنمۇ قازاقىستاندا داۋاملىق خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە ياشىغانىدى، ئەمدىلىكتە ئامېرىكاغا كەلگەن بولسىمۇ لاگېردا چەككەن تاياق زەربىسى ئاخىرى ئۇنى پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىدىن مەڭگۈ ئايرىلغان يېرىم جان ھالەتكە ئېلىپ كەلدى.

تۇرسۇنئاي ئادەتتىكى ئىنسانلار قىياس قىلىشى ھەقىقىي ھېس قىلىشى تەس بولغان بۇ ئازابلارنى پەقەت بىرلا نەرسىنىڭ «ئادالەت» كە بولغان ئارزۇسىنىڭ كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ كەلمەكتە.

ئۇ: «مېنى ياشىتىۋاتقان نەرسە شۇكى، بىر كۈنى خىتاينىڭ ماڭا ۋە مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارغا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى كۆرۈش. مەن بۇ ئادالەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن توختىمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن» دەيدۇ.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ