تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سېتىش ئورنىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

12-ئىيۇن شەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى تىجارەت شىرىكى بولغان دوغۇش گۇرۇھى شىركىتى ئالدىغا بېرىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى ۋە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

ۋولكىسۋاگېن ئىستانبۇلدىكى شېرىكى دوگۇس گۇرۇپپىسى ئالدىدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 12-ئىيۇن، ئىستانبۇل.

نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن بىرلىكتە «ئىرقىي قىرغىنچلىق بولغان رايوندا ئىشلەپچىقىرىش بولمايدۇ»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن دۆلەت بىلەن تىجارەت قىلىنمايدۇ» دېگەن چوڭ خەتلىك پىلاكات-تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

پائالىيەت جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ۋە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان بايانات ئېلان قىلدى، شۇنداقلا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

پائالىيەت جەرىيانىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدە بىر زاۋۇتى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى بۇ رايوندا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ، ئاسسىمىلاتسىيە سىياستى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، تۇغۇت چەكلەش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى ۋەيران قىلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش سىياسەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاش بۇ رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتاي بىلەن تىجارەت ھەمكارلىقى قۇرۇپ، رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرنگە شىرىك بولىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى قوغداش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا سەزگۈر بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىدە يەنە تۈركىيە خەلقى ۋە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇناسۋەت بىلەن بىز تۈركىيەدە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالەتەن تۈرك خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد مۇناسىۋەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم خاتىرلىتىپ ئۆتىمىز. بىز ۋولكېسۋوگېن شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى شىرىكى بولغان دوغۇش ئاپتوموبىل شىرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىنى، ۋولكېسۋوگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ رايونغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىپ، ھەقىقەتنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلاشنى، خەلقئارا تىجارەت ئەخلاقىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇشتىكى مەقسىتىمىز شۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ۋە ياكى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى تامامەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى پۈتكۈل سودا-سانائەتچىلەر، سودىگەرلەر ۋە شىركەت خۇجايىنلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي بىلەن سودا-تىجارەت قىلغاندا ئۇ يەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەتلەرگە شىرىك بولماسلىققا چاقرىق قىلىمىز».

ئابدۇرېشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈرك خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى بايقوت قىلىشقا چاقرىپ مۇنداق دېدى: «خۇسۇسەن 2013-يىلى ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدە بىر زاۋۇت قۇردى. بۇ زاۋۇتتا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشقا سېلىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقى چوڭ بىر شۆبھە پەيدا قىلماقتا. بىز بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىمىزنى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئىستانبۇلدىكى تىجارەت شىرىكى بولغان دوغۇش گۇرۇھى شىركىتى ئارقىلىق ۋولكىسۋاگېننىڭ باش شىركىتىگە يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز يەنە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا، شۇنداقلا تۈرك سودا-سانائەتچىلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىشقا چاقرىق قىلىمىز.»

ئابدۇرېشىت ئەپەندى نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ تىجارەت شىرىكى بولغان دوغۇش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باشقۇرۇش ئىدارە ھەيئىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يېزىپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تەلەپتە ۋولكېسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ تاقىلىشىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈشىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي بىلەن سودا-تىجارەتتە ھەمكارلاشماسلىقنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ