«خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«

Bu görsel boş bir alt niteliğe sahip; dosya adı Hayalimdaki-Dogu-Turkistan-1.jpg

خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان «ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن رەسىملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشتا بولۇپ 7 دۆلەت پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن بىر پەيتتە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «خىيالىمدىكى خىتاي» تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى باشلاتقان ئىدى. بۇ پائالىيەت تۈركىيەدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغانىدى.

«خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەكرەم ئوبۇل قاسىم.  2021-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە.

تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى بۇنىڭغا قارشى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، يەنى تۈركىيە ياشلار بايرىمى كۈنى «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر مۇسابىقىگە تۈركىيە بويىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ رەسىملەر باھالىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى. ئۇلارنىڭ رەسىملىرىدىن تاللانغان رەسىم كۆرگەزمىسى 23-ئىيۇن كۈنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. «ئىيى» پارتىيەسى مەركىزىدىكى زالدا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە پارتىيە رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسلەر، پارتىيە رەھبەرلىرى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مەرال ئاقشەنەر خانىم گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ لېنتىسىنى كەسكەندىن كېيىن مۇراسىم باشلاندى.

سەرۋەت ساپار ھالى خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىن مۇنداق باشلاندى: «پارتىيەمىزنىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە چەت ئەلدىكى تۈركلەر باشقارمىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان› ناملىق رەسىم سىزىش كۆرگەزمىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى› ۋە رەسىم كۆرگەزمىمىزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا خۇش كېلىپسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان مۇئاۋىن رەئىسىمىز ياۋۇز ئاغىرالىئوغلىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىمىز.»

ئۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مۇھىم دەۋالىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر. بىز پارلامېنتتا، تېلېۋىزىيەلەردە ۋە قولىمىزغا كەلتۈرگەن ھەر پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. بۇ رەسىم مۇسابىقىسى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى رەسىم ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە خىيالىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى نەقىش قىلماقچىمىز.»

ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ئەپەندى نۇتۇقىدا بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە ئاچىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ رەئىسىگىمۇ دېدۇق، بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى تۈركىيەنىڭ ھەممە يېرىدە ئاچماقچىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار كېلەچەكتە تۈركىيەدىكى 23-ئاپرېل بالىلار بايرىمىغا كېلىپ قاتنىشالايدىغان كۈنلەرگىمۇ ئىگە بولىدۇ دەپ ئويلايمىز. ئىشىنىمىزكى، ئۇلارمۇ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ.»

ئارقىدىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «مەن 1994-يىلى تۇنجى قېتىم خىتايغا باردىم. ئۇ يەردىن بىر گۇرۇپپا ئايال ئۆز ئىمكانلىرىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا باردۇق. قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئايلاندۇق. ئۇ يەرلەردە ياش-ئۆسمۈرلەرنى قېرىلارنى كۆردۇق. شەرقىي تۈركىستاننى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا، ئۇ يەردە زۇلۇمنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، لېكىن ئىشغالىيەت ئاستىدا شۇنچە بېسىم ۋە زۇلۇمغا قارىماي ‹شۈكۈر قىلىپ› ئولتۇرغان كىشىلەرنى كۆردۈم. مەن ئۇلارنىڭ كېلەچىكىدىن، دىنىي ئىېتىقاد ۋە مىللىي كىملىكلىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئەنسىرەشلىرىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن. بىز بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇرۇنقىدەكلا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى داۋام قىلىمىز.»

«خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىغا 300 ئەتراپىدا كىشى رەسىم سىزىپ يوللىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 9 كىشى مۇكاپاتقان ئېرىشكەن. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدىكى مەسئۇللىرىدىن چوقاي قوچار ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىغا 300 كىشى رەسىم ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىن 150 رەسىمنى لاگېر قۇربانلىرى بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سىزىپ ئەۋەتتى. بۇنىڭ ئىچىدىن 9 كىشى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنى ئاپتوبۇس بىلەن ئەنقەرەگە ئاپىرىپ مۇراسىمغا قاتناشتۇردۇق، كېيىن تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇررۇپ، ئىستانبۇلغا قايتۇرۇپ كەلدۇق.»

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ قولىدىن مۇكاپاتنى ئالغان، مەزكۇر مۇسابىقىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەكرەم ئوبۇلقاسىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەكرەم ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن رەسىمىنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتتى.

بۇ مۇسابىقىگە ئىستانبۇلدىن قاتنىشىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن 8 ياشتىكى نەرگىزە تاشمەمەت، مۇكاپاتنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال خانىمنىڭ قولىدىن ئالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنقەرەدىكى خەلقئارا ئىلىم ۋە كۈلتۈر ۋەخپى 2016-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «خىيالىمدىكى خىتاي» ماۋزۇلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقىسى تۈركىيەدە قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى. تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدا كۆپ ساندىكى سىياسەتچىلەر، زىيالىيلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان «خىيالىمدىكى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق كۆك بايراق سىزىلغان رەسىملەرنى تارقاتتى.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ