«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

.

5-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى قاتارلىق تۈركىيەدىكى ئونلىغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولغان مىڭلارچە ئۇيغۇر ۋە تۈرك نامايىشچى 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى. قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ئىستانبۇلنىڭ تارابىيە رايونىدىكى دېڭىز بويىغا جەم بولۇپ، ئۇ يەردىن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە شۇئار توۋلاپ يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار بىردەك، «زالىم خىتاي ھېساب بەرسۇن!»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت شەرقىي تۈركىستانغا ھۆررىيەت»، «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل.

نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن بۈگۈنكىچە بولغان 12 يىل جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلاتىسىيە سىياسەتلىرى بارغانسىرى چېكىدىن ئېشىپ داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2014-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاتالمىش ‹بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش› نى باھانە قىلىپ، قىرغىنچىلىقنى باشلىدى. شەرقىي تۈركسىتاندا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان دىنىي ئالىملار، ئاكادېمىكلەر، زىيالىيلار، سەنئەتچىلەر، سودىگەرلەر بولۇپ مىليونلارچە بىگۇناھ كىشى قامىلىپ ياتماقتا. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي قۇللۇق تۈزۈم بويىچە ئىشلەتمەكتە. . .»

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى بولۇپ كىرىشىنىڭ خاتا بىر قارار ئىكەنلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بۇ قارارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقرىق قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە خىتاپ قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچلىقنى قوبۇل قىلىشقا ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا كۈچلۈك قەدەملەر بېسىشقا، خەلقئارالىق يىغىنلاردا، كىشىلىك ھوقۇق ئۇچرىشىشلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىى توغرىسىدا تېخىمۇ ئۇچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقلىق مەسىلە دەپ قاراشقا چاقىرىق قىلدى.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 5-ئىيۇل، ئىستانبۇل

تۈركىيەدىكى تۇنۇلغان دىنىي ئالىم دوكتۇر ئېھسان شەنئوجاك نامايىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېسەللىك سەۋەبىدىن نەق مەيدانغا كېلەلمىگەن ئىدى. ئۇ تېلېفون ئارقىلىق نامايىشچىلارغا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹قۇرئان كەرىم› لىرىمىزنى كۆيدۈرگەن، مەسجىدلىرىمىزنى تاقىغان، ئەزان ئوقۇشنى چەكلىگەن، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي، تارىخىتا رىم (ئىمپىرىياسى) ۋەيران بولغانغا ئوخشاشلا چوقۇم غۇلايدۇ، شۇنداقلا ئارقىسىغا قارىماستىن شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىدۇ. بىز ئۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە يېقىنلاپ كېتىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، مىڭ يىللاردىن بۇيان ھېچ كىم يوق قىلالمىغان شەرقىي تۈركىستان پات يېقىندا ئۆز غەلىبىسىنى كۆرىدۇ».

شەرقىي تۈركسىتان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يوللارغا چىقىپ ئادالەت تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي روھىنىڭ ئاۋانگارتلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باش ئەگدۈرۈش، يوق قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسى ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۆرەش قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكلىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ، شەرقىي تۈركسىتاندا مۇستەقىل ياشاشتىن ئىبارەت بۇ يولنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىمىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن مۇھىم بىر تارىخىي ۋەقە دەپ قارايمەن.»

بۈگۈن يەنە تۈركىيەنىڭ سائادەت پارتىيىسى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 12 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدىن بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەيمىز ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈركىيەنى، ئاندىن پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى كەسكىن بىر قەدەم بېسىشقا چاقرىق قىلىمىز.»

بۈگۈن يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا، كاستامونو، مالاتىيە، سامسۇن، قاھرامانماراش قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ