ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

2022-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا تۈركىيە ، مالايسىيا ، ھىندونېزىيە ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئىسلام دۇنياسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەت قوزغاش ، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورتاق مۇنبەر قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ، چەتئەللەردىن كەلگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئىككىنچى كۈنى ، بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن باشلاپ كېلەر يىلى رامىزان ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغان ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قەتئى قوشۇلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىدى . ئاخىرىدا بىرلەشمە خىزمەت پروگراممىنى بېكىتتى.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ