ئامېرىكادا «ئۇيغۇر دوستلىرى» غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكادا «ئۇيغۇر دوستلىرى» غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر باستۇرۇشلىرىغا ئەڭ جىددىي شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇر مەسىلىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، خىتايغا قارىتا يۈرگۈزىدىغان سىياسىي تەدبىرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ كەلدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 19-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى رەسمىي «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ، ئامېرىكا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم قانۇنلارنى يولغا قويدى. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مكگاۋېرن قاتارلىق پالاتا ئەزالىرى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈچلۈك تەكىتلنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكادا «ئۇيغۇر دوستلىرى» غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

30-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارىتا قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ ئۇتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئېلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) خانىم، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مكگاۋېرن، (James McGovern)، ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك (Sam Brownback )، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس (Chris Smith )، ئامېرىكانىڭ سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى مەت پوتتىڭگېر (Matt Pottinger)، ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى سابىق خەلقئارا ئاياللار مەسىلىلىرى بويىچە باش ئەلچىسى كېللېي كۇرىي (Kelley Currie) خانىم، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خادىمى ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىم قاتارلىق دۆلەت مەجلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان كىشىلەر قەدەم تەشرىپ قىلدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېرمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى، مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىمۇ قاتناشتى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم خانىم سۆز قىلىپ، 2020-يىلى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلدى. ئۇ يەنە دۆلەت مەجلىسىدە قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشاش توغرا قارارلارنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن سىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. سىلەرنىڭ بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىڭلارغا رەھمەت. دۆلەت مەجلىسىدە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئەزالار بار. ئۇلار بىرلىكتە ئوخشاش نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مەن يىللاردىن بۇيان ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلار بىلەن پاراڭلاشتىم. سىلەر ئادالەتسىزلىكنى پاش قىلىۋاتقان ۋاقتىڭلاردا، بىز سۈكۈتتە تۇرالمايمىز. سىلەرنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ماڭا ئوخشاش سىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دوستۇڭلار بار.»

پائالىيەت داۋامىدا سام بروۋنبەك سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىمىزدا بار بارلىق كۈچلەرنى ۋە ئورگانلارنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ خەرىتىسى ئەسلىدە ھازىرقىسىغا ھېچ ئوخشىمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەر دۇچ كەلگەن زۇلۇم خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىدە يوق. تىبەت خىتايغا تەۋە ئەمەس. شۇڭا بىز خىتايغا خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن بۇرۇنقى خىتاينىڭ خەرىتىسى ھەققىدە سۆزلەشسەك بولىدۇ.»

پائالىيەتكە قاتناشقان جېيمىس مەكگاۋېرن، كىرىستوفېر سىمىس قاتارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان قارار-تەدبىرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئەكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە شۇنداقلا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېرمۇ ئەنگلىيە ۋە ياۋروپانىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خادىمى ئەلنىگار ئىلتەبىر خانىم قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى كۈچلۈك سۆز قىلدى. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، چۈنكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ خىتاينىڭ رايىغا بېقىپ ياشىشىنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدىن كەلگەن خىتايچە ھۆججەتلەرنى كۆرگىنىمدە ھېچكىمگە تونۇلۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. بۇلار تەتقىقات ئۈچۈن ئۇ بەك ئۆزگىچە ماتېرىيال ئىدى. لېكىن تەتقىق قىلغانسېرى نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بىزنىڭ بىرلا ھاياتىمىز بار، شۇڭا بۇ ھاياتتا بىر ئىش قىلىش كېرەك. مەن پەقەت ئۆزى ئۈچۈن سۆزلىيەلمەيدىغان لاگېردىكى كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ ماڭا بىرىلگەن بىر ئىمتىيازدۇر.»

پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن داۋام قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي ئەپەندى قاتارلىقلار بارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا، تەتقىقاتچىلارغا، ئاخبارات خادىملىرىغا چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتتى.

پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرى ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ ئىختىيارىي شەكىلدە سۆھبەتتە بولۇشتى. يېل ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ پىيانوچى بولۇپ يېتىشكەن ياش سەنئەتكار قەيسەر ئەنۋەر «تار كوچا» ناملىق ناخشىنى ئورۇندىغان ۋاقىتتا، ئېكراندا چىقىپ تۇرغان قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى كوچىلارنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنۈشلىرى ۋە كوچىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللىق سىماسى پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئەلفىدار خانىم پائالىيەتنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە مۇشۇ خىل پائالىيەتچىنى يەنە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ