«مىشېل باچېلېت ‹قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى› دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك»

د ئۇ ق 200 تەشكىلات بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت گە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلېتنىڭ 5-ئاينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى زىيارەتكە بېرىشتىن ئاۋال ئېلان قىلىشقا ۋە شۇنداقلا بۇ زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىلىك زىيارەت بولۇپ خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى بېسىملار يەنىمۇ كۈچەيدى.

يېقىندا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق تاراتقۇلار «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججەتلىرى» دەپ نام بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى يەر ئالغان بىر ھۆججەتنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇ ھۆججەتتە قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى، قاماقلىق ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى يەر ئالغان.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مىشېل خانىم بۇ زىيارىتىدە مانا بۇ تىزىملىكتىكىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۆجججەتتە ھازىرچە دەلىللىنىپ ئېلان قىلىنمىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى قوشقاندا جەمئىي 40 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مىشېل خانىم زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلەپ بەرگەن ئائىلىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئاشكارىلىنىپ ھۆججەتتە يەر ئالغان ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك، دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەر ئاساسەن «تېرورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ سۆزىدە مىشېل خانىم زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا ئائىت دەلىللەرنى تەلەپ قىلىشى، بۇ كىشىلەرنىڭ نېمىگە ئاساسەن بۇ جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە كېسىلگەنلىكىنى كۆرۈشى، ئۇلار ئۈستىدىن ئادىل سوت ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى» دە يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئائىلە بويىچە تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى نامەلۇم. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ بالىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2017-يىلىدىن بېرى ئاتا-ئانىسى ۋە ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى» دىن ئىنىسى مەمەتئېلىنىڭ 15 يىللىق كېسلىپ ئاقسۇدىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇنلىغان ئىسپاتلار ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىش ئۆزىنىڭ ۋەزىپىىسنى ئىجرا قىلمىدى، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتمىدى،» دېدى.

نۇرسىمانگۈل يەنە مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى تەكشۈرۈش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى ۋە «ئەكسى ھالدا پۈتۈن دۇنيا ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ،» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر مىشېل خانىم بۇ زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەقىقەتلەرنى كۆرمەي كەلسە، ئۇ ھالدا بىز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس پـۈتۈن دۇنيانىڭ ب د نىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ.»

ئابدۇەۋلى ئايۇپ ئەپەندى مىشېل خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن مەھرۇم قىلىنىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ «ئەگەر مىشېل خانىم مۇشۇنداق زور پاكىتلارنى كۆرمەي، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرسەتكەنلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلسە، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقي قىرغىنچىلىققا ب د ت مۇ شېرىك بولغان بولىدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ