بارىن ئىنقىلابىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

Doğu Türkistan ‘Barın’ şehitleri anıldı

بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «شېھىتلىرىمىزگە دۇئا قىلىش ۋە ئىپتار» تېمىسىدا بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇراسىمغا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاقساقاللاردىن سىرت، «ئىيى» پارتىيەسى، ئاق پارتىيەسى، دېموكراتىيە پارتىيەسى ۋە «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى ۋە «ئىستىقلال مارشى» نى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ئىنقىلابتىن ئالىدىغان تەجرىبە-ساۋاقلار توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى، مۇخبىرلار، ئەزىز يۇرتداشلار! بارىن ئىنقىلابى بىزنىڭ 138 يىللىق مىللىي ئازادلىق كۈرىشىمىزنىڭ بىر پارچىسىدۇر. 138 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىگە شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى تۆكۈلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مانجۇلار 1884-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈندىن تارتىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز زېمىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلغان. 1949-يىلىدىن كېيىن، ۋەتەن دەۋايىمىز خەلقئاراغا يۈزلىنىشكە باشلاندى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارالاشتى. ھازىر دۇنيادا 300 ئەتراپىدا ئەركىنلىك كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەر بار، ئۇيغۇرلار بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى 5 نىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا. بىز بۇ سەۋىيگە ئاسان كەلمىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللىتىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بولدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇندىن كېيىن بۇ دەۋايىمىزنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.»

«ئىيى» پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى بوغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايمىز. پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىگە ئاز قالدى. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەركىنلىكىگە ئېرىشكۈچە قوللاشنى داۋام قىلىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامازان ئېيىنى تەبرىكلەيمەن!»

ئارقىدىن دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئەرئاي ئاردا ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «2021-يىلىنىڭ بېشىدا پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى ئۈنسال گۈنتەكىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. پارتىيەمىز داۋاملىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. بىز خىتايدىن مەنپەئەت ئېلىشنىڭ كويىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنىڭ دەردىدە. بىز ھەر دائىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىمىز. ھەممىڭلارنىڭ رامازان ئېيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»

ئاندىن كېيىن نۆۋەتتە تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەسئۇلى گۈلجان كەسكىن خانىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پارتىيەمىزنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئوسمان قاباقتەپە ئەپەندى سىلەرگە سالام ئېيتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى بىزنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. دۇنيادا زۇلۇم تارتىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇمدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىنى تىلەيمەن!»

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، بارىن ئىنقىلابى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى د ئۇ ق ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ