«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بۆلۈمىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

27-ماي كۈنى، يەنى مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئىككىنچى كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسانىيەت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش، ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك دۇنياسىدا قانداق ئېلىپ بېرىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ۋە دەۋاغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرۈشىدىكى رولى، ياپونىيەنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە دەۋانىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيەسى، خىتاينىڭ سىياسىتى قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردا تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر دوكلات بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى
ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دىن كۆرۈنۈش.  2022-يىلى ماي، گېرمانىيە.

بىز يىغىن توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى باش كاتىپى ئوبۇل قاسىم ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى ساۋۇت مەمەت ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئوبۇل قاسىم ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىندا ناھايىتى مۇھىم تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ يىغىندا ياپونىيە ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى 20 دۆلەتتىن كەلگەن 70 تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن زور تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دىن كۆرۈنۈش.  2022-يىلى ماي، گېرمانىيە.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ بۈگۈنكى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلباھار جەلىلوۋا، ئۆمەربەك ئالى ۋە باشقىلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مېدال بەردى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم مېدال ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلدى.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ مېدالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» گە 20 ئەتراپىدىكى دۆلەتتىن 70 ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن كەلگەن 200 ئەتراپىدا تەشكىلات رەھبىرى، جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار، چەتئەللىك پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسىسلەر ۋە ئادۋوكاتلار قاتناشتى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ