ب د ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دېدى

BDT-Bachelet-Xitay-Elchisi-Bilen-Xoshlishiwatidu

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ تالاش-تارتىشتا قالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى بىر يىلدەك كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاخىرى 31-ئاۋغۇست كۈنى جەنۋە ۋاقتى يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىندى. ئەسلى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىنلىكى» كۆرسىتىلگەن. 

دوكلاتتا، تەكشۈرگۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن تېررورلۇق، دىنىي ئ‍اشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدىكى ھەر خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى، كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، «قايتا- تەربىيەلەش»، لاگېر-تۈرمىلەردىكى خورلاش، باسقۇنچىلىق، تۇغماس قىلىش، مېڭە يۇيۇش، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ، دەپسەندىچىلىككە دائىر «ئىشەنچلىك دەلىللەر» نىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىى» بىلدۈرۈلگەن. 

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «نۆۋەتتە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىغا مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ش ئ‍ۇ ئ‍ا ر دا 2017-يىلدىن 2019- يىلغىچە ۋە ئۇنىدىن كېيىن بولغان يولغا قويغان تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى نۇقتىسىدىنمۇ ئەندىشە قوزغايدۇ. قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە ئاساسلىقى مۇسۇلمان بولغان باشقا گۇرۇپپا كىشىلىرىنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش، شەخس ۋە كوللېكتىپ سۈپىتىدە نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلالايدۇ». 

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغان، دەپ ئېلان قىلىشى قايىل قىلارلىق يەكۈن بولسىمۇ، لېكىن ئ‍ۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماسلىقى ئەپسۇسلىنارلىق بولغان. 

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتىن كۆرۈنۈشلەر. شىۋىتسارىيە، جەنۋە، 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتىن كۆرۈنۈشلەر. شىۋىتسارىيە، جەنۋە، 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست.

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك قانۇن مەسلىھەتچىسى ھانو شەدلېر 1-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولغان، دېگەن يەكۈنگە قايىل بولدۇم. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن بىللە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېگەن يەكۈنمۇ چىقىرىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشكە دائىر يەكۈن بەلكىم ئاخىرقى مىنۇتلاردا قالدۇرۇلغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار. بەزى دىپلوماتلارنىڭ ماڭا ئېيتىشىچە خىتاي بۇ سۆزنى چىقىرىۋېتىشكە قاتتىق كۈچىگەن. دوكلاتنىڭ بۇ قىسمى بەك مۇھىم ئىدى. چۈنكى، لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتىشتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغۇت قىلىشىنى ئاساس ئالغان. مەن ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دېيىشىنى كۈتمىگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلىمىغان. قىسقىسى، ب د ت نىڭ يەكۈنى مېنىڭ كۈتكىنىمدىن يىراق، بىراق ئويلىغىنىمدىن يۇقىرى بولدى». 

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا، خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق «ئىشەنچلىك دەلىللەر» دىن پايدىلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان 40 تەك شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئالغان. دوكلاتتا، شاھىتلار تەمىنلىگەن تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى خورلاش، مېڭە يۇيۇش ۋە ھەر خىل دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئۇلار ئېرىشكەن باشقا دەلىللەر بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد 1-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: « بۇ دوكلاتنىڭ يېرىم كېچىدە 3 مىنۇت بۇرۇن ئېلان قىلىشى ناھايىتى دراماتىك بولدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەن دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن. ھالبۇكى، مەن بۇ دوكلاتنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». 

ئالكان ئاكادنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلاتتىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇپ، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى تېپىپ چىقىش ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك ئىكەن. 

ئالكان ئاكاد مۇنداق دەيدۇ: « ھازىر ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قولىدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ تەييارلىغان رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلاتى بار. نۆۋەتتە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ دوكلاتنى قوللاش، تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش مېخانىزمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ جىنايەتنىڭ مەسئۇللىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بار». 

دوكلاتتا تەكشۈرگۈچىلەر يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇقۇمى ئىنتايىن مۈجمەل ھەم كەڭ دائىرىلىك بولغان  دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىنى قوللىنىپ، «خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىلىرى» نى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا مەزكۇر دوكلاتتا  بۇ خىل ئورۇنلاردا مەھكۇملارنىڭ «جىنسىي ۋە جىنسىيەت ئاساسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» نى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان «قەبىھ مۇئامىلە شەكىللىرى» نىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقى، بەزىلەرنىڭ نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي يېگۈزۈشتەك مەجبۇرىي داۋالاش، «كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئائىلە پىلانى ۋە تۇغۇت كونترول سىياسىتى» گە دۇچار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ئالكان ئاكادنىڭ ئېيتىشىچە، ئومۇمەن ب د ت نىڭ دوكلاتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىشەنچلىك خەلقئارا ئ‍ورگانلارنىڭ بايقىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن. ئالكان ئاكاد: «ئەمەلىيەتتە، ب د ت ئاپپاراتىنىڭ بۇ بايانى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلغانلىقى، ئۇنىڭ قىلمىشى خەلقئارا جىنايەت ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا نوپۇزلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايانلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. قىسقىسى، بۇ دوكلات ئاساسەن بىزنىڭ دوكلاتلىرىمىز ۋە بايقاشلىرىمىز بىلەن بىردەك» دەپ كۆرسەتتى. 

لېكىن گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» دىكى ھانو شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلاتتىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى، بۇ مەسىلە ب د ت نىڭ يېقىندا باشلىنىدىغان پەسىللىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇ ھەقتە قارار ئېلىنىشى كېرەك ئىكەن. 

ھانۇ شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: « بۇ دوكلات، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا مۇتلەق كۆپچىلىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىش قارار لايىھەسى ماقۇللىشى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا يولغا قويغان بارلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئەيىبلىنىشىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ب د ت ئاپپاراتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ تەپسىلىي دوكلاتى بار بولدى. ئۇلار ئەمدى بۇ قەبىھلىكنى بۇرمىلاش ئۈچۈن سۆز ئوينىتالمايدۇ. ب د ت دىكى بارلىق ئاپپاراتلار خىتايغا قارىتا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى، خىتاي دىپلوماتلىرىغا قارىتا سىياسىتى تېخىمۇ كەسكىن تەنقىدى پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك». 

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇيان قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات ئالالمىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتى بولمىسىمۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلاشلىرىدىن رايوندىكى بەزى ناھىيەلەردە «ئېتنىك نوپۇس» قا تەۋە چوڭلاردىن 10 پىرسەنتتىن 20 پىرسەنتكىچە بولغان كىشىنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «كەسپىي ماھارەت  ئۆگىنىش مەركەزلىرى» نىڭ تەسىرىگە ئ‍ۇچرىغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە قوشماق تۇغقانچىلىق سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكى ۋە ئائىلە ھاياتىنى مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ، ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئائىلىسىنىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلىۋاتقانلارغا ئۇلارنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەرھال مەلۇمات بېرىشى، ئۇيغۇرلارغا قارشى بارلىق كەمسىتىش خاراكتېرلىك قانۇن، سىياسەتلىرىنى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىىنغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ب د ت نىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشىغا ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە قارشىلىق قىلغان. دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئاۋۋال خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن خىتاينىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. 

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .