كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر مۇساپىرلار قارار لايىھەسىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 1-فېۋرال كۈنى بىلەت تاشلاپ، لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا سۇنغان خىتايدىن قېچىپ چىقىپ 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، قارار لايىھەسىگە ھېچقانداق بىر پالاتا ئەزاسى قارشى بېلەت تاشلىمىغان، شۇنداقلا قارار لايىھەسى كىشىلەر كۈتمىگەن بىر ئەھۋالدا باش مىنىستىر ترۇدو ۋە ئۇنىڭ كابىنېت مىنىستىرلىرىنىڭمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشكەن.

كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قورۇلۇشى»نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتلار بىلەن كۆرۈشتى، 2023-يىلى 1-فېۋرال، ئوتتاۋا، كانادا.

بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشتىن ئىزچىل ئ‍ۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ترۇدو ھۆكۈمىتى، بۇ قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلغان بولىدىكەن.

قارار لايىھەسى 1-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلغاندا نۆلگە قارشى 322 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان. بۇ، 1950- ۋە 1960-يىللىرىدا تۈركىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قاچقان ھىندىستان ھەم ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەت مۇساپىرلىرىنى تۈركىيەگە يۆتكەپ كېلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ 50-60 يىل ئۆتكەندىن  كېيىنكى تۇنجى بىر دۆلەت پارلامېنتىنىڭ بۇ خىل قارارنى چىقىرىشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تىلغا ئېلىنغان قارار لايىھەسىگە باش مىنىستىر ترۇدو ۋە ئۇنىڭ كابىنېت مىنىستىرلىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئىكەن.

 ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلار ئىلگىرى، كانادا پارلامېنتى 2021-يىلى 2-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ،  ترۇدو ھۆكۈمىتى  خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى  ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشتىن ئ‍ۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەچكە ئۇنىڭ بۇ قېتىممۇ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان. لېكىن بۇ قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشتە ھۆكۈمەتنىڭ ئىپادىلىگەن بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ مەيدانىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قارار لايىھەسىنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىدىن كېيىن، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى سۇنغان لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ لايىھەنىڭ بىردەك ئاۋازدا ماقۇللىنىشىنى بىر«تارىخىي پەيت» دەپ كۆرسەتتى. 

سامىر زۇبەرى مۇنداق دېدى:«يۈز بەرگىنى بىر تارىخىي ھادىسە. ھۆكۈمەت كابىنېتى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. بۈگۈن بىزنىڭ كۆرگەنلىرىمىز، بارلىق پارتىيەلەرنىڭ، بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرلىككە كېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى قوللىشىدۇر. بۇ كانادا ئۈچۈن بىر تارىخىي پەيت بولۇپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەت ئائىلىسى ئۈچۈنمۇ بىر تارىخىي پەيت. ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئىشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ».

سامىر زۇبەرى يەنە كانادا باش مىنىستىرى، كابىنېتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى قوللىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى، لېكىن كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سامىر زۇبەرى: «مەن ھۆكۈمىتىمىزدىن پەخىرلىنىمەن ۋە پەخىرلىنىش سۆزىنى كۆپرەك ئىشلىتىمەن. بۇ قارار لايىھەسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن باش مىنىستىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن. بۇ لايىھەنى قوللىغان ھۆكۈمەت كابىنېتىدىن، پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋە بارلىق پارتىيەلەردىن پەخىرلىنىمەن. بۈگۈن  بىر تارىخىي پەيت. بىز، بۇ تارىخىي پەيتتە بىرگە تۇردۇق. لېكىن ئالدىمىزدا تېخىمۇ مۈشكۈل ئىشلار بار، بىز بۇ ئىشنى قىلىمىز. نىيىتىمىز ئېنىق، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئاخبارات يىغىنىغا سامىر زۇبەرى بىلەن بىللە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى،  «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور مارگارېت مىككۇاي جونستون خانىم قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، بۇ قارار لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلاپلا قالماي، ئىلھام ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بېغىشلايدىغانلىقى، ئەمدىكى مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ لايىھەنى ئىجرا قىلىشىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: « بۇ قارار بىزگە نوقۇل ئۈمىد بېغىشلاپلا قالماي، بىزگە يەنە ئىلھام ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلىش، سۆزلەش ئىرادىسى بېغىشلايدۇ. ئەمدىكى مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، پۇل ئاجرىتىپ، 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىنى تېزرەك  ئورۇنلاشتۇرۇشىدا قالدى».

يىغىندا « ئۇيغۇر ھەقلىرىنى  قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى سۆز ئېلىپ، بۈگۈن بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ لايىھە كانادا پارلامېنتىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قارار لايىھەسى پارلامېنتنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا بۈگۈنكى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ لايىھە كانادالىقلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك مەن بۇنىڭدىن بەك مىننەتدار، شۇنداقلا مەن بۇ دۆلەتنى ئۆزۈمنىڭ  ۋە ئەۋلادلىرىمنىڭ مەڭگۈلۈك دۆلىتى قىلىپ تاللىغانلىقىمدىن شۇنداق پەخىرلەندىم».

لېكىن مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇزۇن بىر مۇساپىنىڭ تېخى بىر باشلىنىشى ئىكەن.

مەمەت توختى:«بۇ پەقەت بىر باشلانغۇچ، بىز بۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇزۇن مۇساپىنىڭ پەقەت بىر باشلانغۇچى. بىز بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە باشقا مەسئۇلىيەتچان تەرەپلەر كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، قاچان ۋە  قەيەردە قانداق ئارقا سەپ ياردىمى بولسا شۇنى تەمىنلەيمىز. شۇنداقلا بىز ئاجىز توپلارغا قارىتا كېرەكلىك ياردەمدە بولىمىز» دەپ كۆرسەتتى. مەمەت توختى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇ چاقىرىقنى قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش، گۆرۈگە ئېلىش، قورقۇتۇش، پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. 

بۇ قارار لايىھەسى، خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەردىن 10 مىڭ كىشىنى 2024-يىلىدىن 2026- يىلغىچە بولغان 2 يىل ئىچىدە كاناداغا يۆتكەپ كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قارار لايىھەسىنىڭ 1-فېۋرال ماقۇللانغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا يۆتكەپ كېلىش پىلانىنى 100 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا بۇ لايىھە پەقەت خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

Qaynaq: RFA

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ