《ئۆچمەس روھ》تېمىسىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز

لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۆچمەس روھ» پائالىيىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ!ۋاقتى: 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى، سائەت- 14:00ئورنى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋاكىف ئۇنىۋېرىستىتى، توپكاپى يىغىن زالىبارلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىشىنى سورايمىز.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ -(تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى، لۇتۇن)(1922-يىلى 22-نويابىر – 1945-يىلى18-نويابىر ) 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىر، دىراماتوروگ ۋە مۇستەملىكىگە قارشى تەشكىلاتچى.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ھەممىدىن تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى. لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ »،« خىيالچان تىلەك»، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى، ۋە يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رومان «داۋانلار ئاشقاندا»(بۇ ئەسەر يوقۇلۇپ كەتكەن)نى يازغان. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.

شېئىرىيەتتىن باشقا لۇتپۇللا تەشكىلاتچىلىق، دىرامما ئەرتىسلىكى، تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىكمۇ قىلغان.

مۇستەملىكىگە قارشى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تارىخىدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن 1945-يىلى قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى.

لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. بەزى مەنبەلەردە نىلقا ناھىيىسىدا تۇغۇلغان دەپمۇ يازىدۇ. 1931 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ كۆچۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

  لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.

    لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجىدىكى تاتار مەكتىپى(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) دە، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇس گېمنازىيىسىدە ( كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى ۋە ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجياڭ دارۇل مۇئەللىمىن»)(ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى)گە كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملەرىنىڭ جەنۇبىي شىنجياڭنى جۇغراپىيەلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»گە  خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. كىيىن جوڭگۇ ھاكىميىتى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ 1943-يىلى 11-ئايدا، ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ۋە «ئاقسۇ گېزىتى»دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئاقسۇدا بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى نامىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان.

ئابلىمىت ئابدۇللاھ يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرقىي شىنجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچاسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختولۇپ مۇنداق دېگەن : “ 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجاغا ئالىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بارىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كەيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجاغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگەسىگە پۇتىنى ئالىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نەمە بولدىڭىز؟ تىز بولۇڭ!› دەگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنجىدىن، سەپداشلارىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلارىمغا نەمە بولسا، ماڭامۇ شۇ!› دەپ، غۇلجاغا كەتىشتىن يالتايىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجاغا كەتىڭ. بولماسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارادا جەنۇبىي شىنجياڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملارى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسەڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دەگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلارىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قاپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلەرى غۇلجاغا قايتىپ كەتىدۇ»[1]

1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومېنداڭ ھاكىميىتىدىكى جوڭگۇ ساقچى ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان.

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى قەبرىسى

لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيى چۈشكەن سۈرىتى


لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !

يىلى گومېنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ