«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ئىككى مەيدان ئاخبارات يىغىنى چاقىرىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە توپىلاڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇنى قانلىق باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 4-ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇدا ئىككى مەيدان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە

2009-يىلى 26-ئىيۇن كېچىدە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يەرلىك خىتايلارنىڭ كالتەك-توقماقلىرىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ قاتىللىرىنى خىتاي دائىرىلىرى جاۋابكارلىققا تارتمىغانلىقتىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە توپىلاڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇنى قانلىق باستۇرۇشى تۈپەيلىدىن ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 4-ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇدا ئىككى مەيدان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا بەش شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىرى، كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىردەك تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

4-ئىيۇل كۈنى نېۋ پارك (New Park) مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «ساھىبقىران ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى، دوكتۇر فاتىھ قوجا ئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تەڭپۇڭسىزلىق بار. تۈركىيە داۋاملىق زىيان تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۈركىيە خىتايدىن مال ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەنگەن خىتاي شۈبھىسىز تۈركىيەگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيە ھازىر خىتاي خەۋپىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى سودا تەدبىرلىرىنى ئېلىشى كېرەك.»

ئۇ سۆزىدە خىتاي ناۋادا شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ بولسا غەربىي تۈركىستاننى، يەنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ بېسىۋالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ بولسا، غەربىي تۈركىستاننىمۇ بېسىۋالىدۇ. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن خىتاي نوپۇسى شىمالىي رۇسىيەگىمۇ ئېقىشقا باشلايدۇ. بۇنداق بولغاندا تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىمۇ تۈگىشىدۇ. شۇڭا تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى شەرقىي تۈركىستاندىن باشلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى توسۇشقا تىرىشىشى كېرەك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرىۋەرسە كېلەچەكتە خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› غا ئوخشاش قەتلىئاملارنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر كۈچ چىقىرىشى كېرەك.»

 ئەنقەرەدىكى نېۋ پارك مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر ئەپەندى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن شائىر ۋە يازغۇچى مۆھتىرەم شاھىن ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلدى.

ئوڭدىن سولغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر ئەپەندى،  شائىر ۋە يازغۇچى مۆھتىرەم شاھىن ئەپەندى. 2023-يىلى 4-ئىيۇل، ئەنقەرە
ئوڭدىن سولغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر ئەپەندى، شائىر ۋە يازغۇچى مۆھتىرەم شاھىن ئەپەندى. 2023-يىلى 4-ئىيۇل، ئەنقەرە

 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرە شەھىرىدە يەنە بىر مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مۇخبىرلار، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى! بۇندىن 14 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزىي ئۈرۈمچىدە قەتلىئام بولدى. بىز بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. شۇ ۋاقىتتا نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشنى توپىلاڭغا ئايلاندۇرۇۋېتىشى ۋە قانلىق باستۇرۇشى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى. بۈگۈن بىز بۇ قەتلىئامدا شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەش ۋە خىتايدىن ھېساب سوراش مەقسىتى بىلەن بۇ يىغىننى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمىز.»

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مەقسىتى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ بۇنىڭغا بەكلا قىزىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 5-ئىيۇل،  ئەنقەرە
ئەنقەرە شەھىرىدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 5-ئىيۇل، ئەنقەرە

 ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى يېقىندىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىلمۇ ئالدىنقى يىللارغا ئوخشاشلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

مەنبە: RFA

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ