نۇرى تۈركەل: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› زوراۋان خىتاينىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىدىغان تۇنجى قەدەمدۇر»

2020-يىل ئامېرىكانىڭ سادىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويدى، ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلدى ۋە ماقۇللاندى؛  2021-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ قانۇنغا ئىمزا قويدى؛  2022-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ قانۇن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

2020-يىل ئامېرىكانىڭ سادىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويدى، ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلدى ۋە ماقۇللاندى؛  2021-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇ قانۇنغا ئىمزا قويدى؛  2022-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇ قانۇن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.  ئۇيغۇر رايونىدىن چىققان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بۇ قانۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇۋاتقان ۋە قۇل قىلىۋاتقان خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىغا دەسلەپكى قەدەمدە زەربە بېرىشتە، شۇنداقلا خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقان تەسىرىنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى سودا-ئىقتىساد، ئەمگەك ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرى ھەققىدە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدىغان تور ژۇرنىلى«خىتايغا ئۇلىنىش» (The Wire China) تا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى» ناملىق بىر ماقالىدە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قانۇنى ماقۇللىنىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە، بۇ قانۇننىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان سودا ۋە ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشتە ئوينىغان رولى ۋە كېڭىيىۋاتقان تەسىرى مۇھىم تېما قىلىنغان.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى بېسىلغان تۇنجى قەدەم، ئەمەلىي قەدەم،  شۇنداقلا مۇھىم قەدەم بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ سايىسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى دۇنياۋى پىكىر ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە،   مال تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ خىتايدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىشىگە، شۇنداقلا خىتاينىڭ سودا، ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ تارىيىشىغا تۈرتكە بولغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە نۆۋەتتىكى كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى يۇقىرىقى ئىككى قانۇننىڭ روياپقا چىقىشى ۋە ماقۇللىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ قانۇنلار ماقۇللىنىش ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مەكگاۋرېننىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى چەكلەش كېرەكلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نىڭ ناھايىتى ئەمەلىي مەقسەتتە، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى چەكلەشتە ھازىرمۇ ئامېرىكانىڭ قىلالايدىغان مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى ئىكەنلىكىنى، گەرچە ئۇنىڭدا بەزى يوچۇقلار بولسىمۇ، ئۇنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇندىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇلدەك ئىشلىتىپ ئېزىدىغان ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك سۇيىقەستلىك پىلانىغا زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكادا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈچلۈك قانۇن بولۇپ، بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ 6300 مال توشۇش پاراخوتى توسۇپ قېلىنغان، بۇ پاراخوتلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قايتۇرۇۋېتىلگەن؛ 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق مال تۇتۇپ قېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پاختا، كۈنتاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» چوڭ جەھەتتىن خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا ئوينىغان رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى خىتاينى ‹شىنجاڭ سىياسىتى› نى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىسپات يوق» دېيىلگەن. ھالبۇكى، نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ قانۇننىڭ تېخى تۇنجى بېسىلغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ شۇنىڭدەك قانۇنلارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈۋاتقان خىتاينىڭ ماللىرىنى چەكلەشنى خەلقئارالاشتۇرۇش، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆلتۈرىدىغان «قۇل ئەمگىكى» دىن ئىبارەت بۇ ۋىرۇسنى يوقىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-mejburiy-emgekning-aldini-elish-qanuni-01122024145113.html

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ