نىيرۇلا ئەلىما خانىم: «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قانۇن يوق»

خىتاي تاراتقۇسى سەيشىن تورى 14-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلى ئوبلاستى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىغا چېتىشلىق بىر دېلونى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر دېلوغا ئائىت يېزىلغان ئۇزۇن دوكلاتتا سەككىز ساقچىنىڭ بىر خىتاي جىنايەت گۇماندارىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قىيناپ ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي تاراتقۇسى سەيشىن تورى 14-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلى ئوبلاستى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىغا چېتىشلىق بىر دېلونى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر دېلوغا ئائىت يېزىلغان ئۇزۇن دوكلاتتا سەككىز ساقچىنىڭ بىر خىتاي جىنايەت گۇماندارىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قىيناپ ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما بۇ دوكلات ئۇزۇنغا قالماي تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەن. مەزكۇر دوكلات تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

مەزكۇر دېلوغا ئائىت ماتېرىياللارغا قارىغاندا، سۈن رېنزې ئىسىملىك 30 نەچچە ياشلار ئەتراپىدىكى خىتاي ياش 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى جېدەل-ماجىرا ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى يەتتە سائەتتىن ئارتۇق سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ھوشىدىن كەتكەن ۋە 11-ئاينىڭ 9-كۈنى دوختۇرخانىدا ئۆلگەن. سۈن رېنزېنىڭ ئاپىسى رېن تىڭتىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. سۈن رېنزېنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ھايات ۋاقتىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەنىكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا قارىغاندا سۈن رېنزې ئىقرار قىلدۇرۇلۇش ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن دۈمبىسىگە ئورۇندۇق باغلاپ قويۇش، توككا سوقتۇرۇش، يۈزىگە لۆڭگە يېپىپ قويۇپ سۇدا تۇنجۇقتۇرۇش ۋە باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىشتەك قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا، خىتاي تورداشلار ئاساسەن مەزكۇر دېلونىڭ خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نەقەدەر قاراڭغۇ ۋە رەھىمسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئۇيغۇر تورداشلار «خىتاي ساقچىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىتىدىن بولغان خىتاي پۇقراسىغا ئاشۇ دەرىجىدە رەھىمسىزلىك قىلغان بولسا، لاگېر-تۈرمىلەرگە قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى نېمە قىلىۋەتكەندۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشقان.

لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىيرۇلا ئەلىما خانىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى X دا بۇ دېلو ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار خىتايلارغا بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ» دەپ يازغان.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دېلودىكى خىتايدىنمۇ بەكرەك قىينايدىغانلىقىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى قانچە ۋەھشىي ئۇسۇلدا قىيناپ ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ ئاشكارىلانمايدىغانلىقى ۋە قانۇن ئالدىدا جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈن رېنزې دېلوسى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنى 5 يىلدىن كېيىن، ۋۇ شۈيمىن ۋە ليۇ شيەنيوڭ قاتارلىق سەككىز ساقچىنىڭ 3 يىلدىن 13 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن ئاياغلاشقان.

ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، لاگېردا ۋە تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سان-ساناقسىز ئىكەنلىكى، ھەتتا قارامايدىكى بىر ساقچىنىڭ جىيەنىنى لاگېردا قىيناپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندىمۇ سۈرۈشتىسىنى قىلالمىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

نىيرۇلا ئەلىما خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقەللىي قانۇنى ھوقۇقىنىمۇ قوغدىيالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قانۇن يوق».

2014-يىلى ئاپرېلدا، ئاقسۇ كەلپىندە 17 ياشلىق ئابدۇلباسىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش قىزىل چىراغقا قارىماستىن يولنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ئامانلىق ساقلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانىدى. 2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا رادىيومىز ئابدۇلباسىتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئوغلى ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنىڭ قەيەرگە كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە ئەينى ۋاقىتتا دائىرىلەر ئابدۇلباسىتنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىن تارتىپ ئېلىپ مەخپىي ھالدا كۆمۈۋەتكەن، مەخسۇس مۇشۇ دېلو ئۈچۈن كەلپىنگە ھەربىي ۋە ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ بۇ دېلوغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى تۇتقان.

خەۋەر مەنبەسى: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-weziyiti-01182024102804.html

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ