دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا كەڭ-كۆلەملىك نامايىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەتەندە جىددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ؛ تۈرمىلەردە، جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا جان بەرگەن ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ؛ ئىچكى ئەزالىرى سۆكۈپ ئېلىنىپ، خەلقئارا ئورگان بازارلىرىدا ‹ھالال ئەزا› دەپ ئاشكارا سېتىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان، شۇنداقلا مەردنى مەيداندا سىنايدىغان پەيتى كەلدى. ئۇيغۇر مىللىتى ھايات-ماماتلىق ئۈستىدە جان تالىشىۋاتقان بۇ ھالقىلىق مىنۇتلاردا، ۋەتەن ئۈچۈن خىتايغا قارشى تۆلەنگەن ھەربىر زەررە بەدەلنىڭ قىممىتى بىباھادۇر».

بۇ قېتىمقى نامايىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يەر شارىۋىي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىدىغان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مەلۇم. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، چەت ئەلگە قاراتقان تەتۈر تەشۋىقاتىنى ۋە ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم. 2024-يىلى يانۋار.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىغا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، قورچاق ئەمەلدارلار ۋە ساختا گۇۋاھچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قاتناشتۇرۇشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى؛ خىتاينىڭ بۇ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ب د ت ۋە خەلقئارا ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىش بىلەن بىرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ب د ت يىغىنى باشلىنىدىغان 22-يانۋار كۈنى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن ھېساب سورىلىدىغان 23-يانۋار كۈنلىرى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۈچ كۈنلۈك رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچىدىكەن. ب د ت دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا ئاخباراتلارغا بايانات ئېلان قىلىدىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ سىنلىق بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باياناتىدا «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يالغۇز بىرەر تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ داۋاسى ئەمەسلىكى، ئەكسىچە ئۇنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھۆر، ئەركىن، مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقى ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋاسى ئىكەنلىكى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن فىرانسىيەدىكى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم. 2024-يىلى يانۋار.

جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن فىرانسىيەدىكى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيان ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ۋە ئالدامچىلىقلىرىنى توختاتمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ دۈشمەنگە قارشى بىرلىكسەپتە تۇرالمىغانلارنىڭ تارىخ ئالدىدا، كەلگۈسىدە ۋەتەن-خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەرشارىۋىي خاراكتېرلىك قەرەللىك تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جەنۋەدىكى باش شتابىدا چاقىرىلىدىغان 45-نۆۋەتلىك يىغىنى جەريانىدا، خىتاينىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

خەۋەر مەنبەسى:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/duq-namayish-01122024121602.html

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ