ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق يىغىلىشتا تەشكىلاتلار ئارا ئۆملۈك ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش تەكىتلەندى

ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 13-مارت كۈنى زەيتىنبۇرنۇدىكى بەرىكەت رېستورانىدا ئىپتارلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يۇرت ئاقساقاللىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سودىگەرلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-مارت، ئىستانبۇل

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا روزا تۇتۇپ، ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىپتارلىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 13-مارت كۈنى زەيتىنبۇرنۇدىكى بەرىكەت رېستورانىدا ئىپتارلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، يۇرت ئاقساقاللىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە سودىگەرلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-مارت، ئىستانبۇل
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-مارت، ئىستانبۇل

پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى؛ ئاندىن يېقىندا بىر قىسىم جاسۇس گۇماندارلىرىنىڭ تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا ماسلىشىشتىن، خىتايغا ئىشلەشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنى دەۋا يولىدا ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەپ: «ھەممىمىز بۇ دەۋاغا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى، خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلايلى» دېدى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ دۇئا قىلىشى بىلەن تەڭ جامائەتمۇ بىردەك قول كۆتۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلىمىگە ئۇچراپ روزا تۇتالمايۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ پات پۇرسەتتە ئەركىن ۋە خاتىرجەم ھالدا روزا تۇتالايدىغان بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

12-مارت سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-مارت، ئىستانبۇل

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى خىتاينىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ توپرىقىمىز، خىتاي ئۇ يەردە ئىشغالچى، تاجاۋۇزچىدۇر، ئۇنىڭ ئۇ يەردە ياشاش ھەققى يوق» دېدى.

12-مارت سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-مارت، ئىستانبۇل
12-مارت سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، يۇرت ئاقساقاللىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-مارت، ئىستانبۇل

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ئارىسىغا ئىتتىپاقسىزلىق ئۇرۇقلىرى چېچىپ، ئۆزئارا ئىتتىپاقسىزلىق ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، بىر-بىرىگە شۈبھە بىلەن قاراشنى پەيدا قىلدى. خىتاي بىزنى نىشاننى خىتايغا قاراتماي، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلىۋاتقان ۋە ئالدىنقى سەپتە مېڭىۋاتقان پىدائىيلارغا قارىتىشقا، زېھنىمىزنى چېچىش، پىسخولوگىيەمىزنى بۇزۇش ئارقىلىق ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بىز خىتاينىڭ بۇ رەزىل ئويۇنلىرىغا كەلمەسلىكىمىز كېرەك. مۇشۇنداق خىسلەتلىك بىر ئايدا بىر يەرگە كېلىپ پىكىرلىشىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش، قۇچاقلىشىش، مېھرى مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ۋە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلالايدىغان، بىرلىكتە يول ماڭالايدىغان بىر كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. شۇ مەقسەتتە بۇ ئىپتارلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى، رامىزان ئېيى ياخشىلىق قىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغان بىر ئاي. بۇ ئايدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارمۇ بىرلىك-ئىتتىپاقلىق شەكىللەندۈرۈشى، ۋەتىنىمىزدە بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ھېچ قاچان ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. بارلىق ئىبادەتلىرىمىزدە، دۇئالىرىمىزدا ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» .

خەۋەر مەنبەسى: RFA

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ