نۇرى تۈركەل: «مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئۆزى شان-شەرەپ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Nury-Turkel-100-ning-biri.jpg

بۇ يىل 26-ماي كۈنى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا كومىسسار بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىگە بىر يىل بولىدۇ. ئادۋوكاتلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن سىياسىي كىرزىسقا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، مول كەسىپىي بىلىمى، يۇقىرى تىل سەۋىيەسى ۋە زېرەكلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن، كىشىلىك ھوقۇق، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئامېرىكادىكى ئىككى چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى قاتارلىق سالاھىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە ئېرىشكەن نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا. ئۇنىڭ سىياسەت مەيدانىدا ياراتقان نەتىجىلىرى ۋە كۆرسەتكەن تەسىرى خەلقئارادىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىل «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولسا، بۇ يىل «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادا تەسىرى چوڭ 50 رەھبەر» قاتارىغا كىرىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈردى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا قىلغان خىزمەتلىرى، ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ۋە بۇنىڭغا بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق.

Read more

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش باشلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش باشلاندى.

22-ماي گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى ئاۋات ساياھات مەركىزى بولغان ئودىئونس مەيدانىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

Read more

د ئۇ ق «شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

10-ماي د ئۇ ق تور ئارقىلىق «د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى. مەزكۇر دوكلات 19-ماي كۈنى د ئۇ ق نىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» دەپ نام بېرىلگەن 40 بەتلىك بۇ دوكلاتتا 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان 4 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى تۈرلۈك تېمىلار ئاستىدا ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى.

Read more

لىتۋا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لىتۋا دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لىتۋا پارلامېنتى مۇتلەق يوقىرى ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي ئىتىراپ قىلغان.

لىتۋا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قاراردا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. لىتۋا پارلامېنتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، قانۇنسىز ئىچكىي ئەزا سودىسىغا خاتىمە بېرىش، بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىش ھەمدە لاگېرلارنى تېزدىن تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

Read more

لاگېردىن تىرىك قالغان يېرىم جانلار (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان لاگېرلاردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە بىرىنچى قول دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن لاگېر شاھىتلىرى گەرچە ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رەھىمسىز قىيىن-قىستاق، نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇللارنى ئىشلىتىش شۇنداقلا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ يامان تەسىرلىرى ھەمدە ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ھازىرمۇ چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.

Read more

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نى ئېلان قىلىش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يەھۇدىيلار پاسخا بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى
نۇري تۈركەل ئەپەندىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتىدە سۆزدە. 2021-يىلى 2-ئاپرېل.

د ئۇ ق نىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش تور يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىندى.

7-ماي كۈنى د ئۇ ق ئۆزلىرى ھازىرلىغان 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ باردى. يىغىنغا ئامېرىكا، ئاسىيا، ئاۋىسترالىيە ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 50 دىن ئارتۇق ھەر ساھە سىياسىي ئاكتىپلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ھەم بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار قاتناشتى. يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئۇيغۇر رىياسەتچىلىك قىلدى.

Read more

خىتاي روزا ھېيت خۇشاللىقى تەشۋىقاتىدىكى كۆز بويامچىلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي روزا ھېيت خۇشاللىقى تەشۋىقاتىدىكى كۆز بويامچىلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى

رامزان باشلىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەسچىتلەرگە بېرىشكە ئۈندەپ ھەتتا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئەمما 4 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە تۇتقۇندىن قورقۇپ كەتكەن خەلق ئاممىسىنىڭ، مەسچىتكە زورلىسىمۇ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىنمۇ دەلىللەنگەنىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تارقالغان قىسقا ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلاردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇشال ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىدىغان ساختا بىر سەھنە ياساشقا كىرىشكەنلىكىنىڭ شەپىسىنى كۆرۈلۈشكە ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىغانىدى.

Read more

غەربنىڭ كەتمىنى ئۇيغۇر، شەرقنىڭ دەرتمىنى ئۇيغۇر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ

غەربنىڭ كەتمىنى ئۇيغۇر، شەرقنىڭ دەرتمىنى ئۇيغۇر

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى غەربتە ھېسسىداشلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، شەرقتە بۇنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شەرق مۇسۇلمان ئەللەردىكى ھەر قاي مەتبۇئاتلاردا بۇ قىرغىنچىلىققا تۈرلۈك چۈشەنچە بېرىشلەر ۋە شەرھىلەشلەر قايناپ، مەتبۇئات، يىغىن ۋە تۈرلۈك مۇھاكىمىلەردىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرغا ئەڭ ئاسان تەسىر قىلىدىغان ئەرەبچە ۋە تۈركچە قاناللاردا بۇ ھېسسىداشلىقنىڭ مەنپەئەتنى مەنبە قىلغانلىقى ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق مەنپەئەت تەلىماتى يەنە مالايچە، ھىندونېزىيەچە، بېنگالچە، پارسچە ۋە ئوردۇچە مەتبۇئاتلاردا تەكىتلىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا ئەلەڭگىۋاتقان ھالاكەت سايىسىنى شۇ تىللاردا سۆزلەيدىغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا گۇمانلىق پاراڭغا، شۈبھىلىك سۈيىقەستكە ۋە چايدىن كېيىنكى ئىچ پۇشقىغا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىۋاتىدۇ.

Read more

خىتاي كومپارتىيىسى يۈرگۈزۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئايدىڭلاشقان قىسمەن ھەقىقەتلەر

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى

نەزەر

2020 – يىلى 19 – بويابىر ئا ق ش تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى پومپېئو ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خىتاي كومپارتىيسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۋاتقان دەھشەتلىك ۋە ۋەھشىي كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى ئىنتايىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ۋە تەرەققىپەرۋەر ۋە دېموكراتىك دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مىسلىسىىز ئىلھام ۋە ئۈمىت بېغىشلاش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھامان دېموكراتىيە يۈلۈنۈشى بۇيىچە تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىپ بىرىپلا قالماستىن، مۇستەبىت ھاكىمىيەت ۋە دىكتاتورلارنىڭ قاچانلا بولمىسۇن، ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

Read more