
«شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى كوممۇنىستىك خىتاي ئىشغال قىلغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئۆزگەرتكەن!»
بۇ شىۋېتسىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى 20-سېنتەبىر شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا تەشكىللىگەن مۇستەملىكىچىلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە فاشىزمغا قارشى «خەلق مال ئەمەس!» تېمىسىدىكى چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ئىدى. نامايىش شىۋېتسىيەدىكى ئىراقلىق تەتقىقاتچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى، بۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ۋېئام لېنا خالىد جامالنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نۇتقى بىلەن باشلانغان.
داۋامىنى ئوقۇڭ…