ئەنگىلىيە پارلامېنتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 22-ئاپرىل بىلەت تاشلاپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېلان

ئەنگىلىيە پارلامېنتى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق»

قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيەلەردىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىغان 4-دۆلەت بولۇپ قالدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، خورلاش، سىستېمىلىق قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئائىلىلىرىنى پارچىلاش، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، نۇپۇسىنى ئازايتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلدى.

قارار لايىھەسى 22-ئاپرىل ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسىدا مۇنازىرە قىلىنغاندىن كېيىن پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، قارار لايىھەسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئەيىبلەنگەن. قارار لايىھەسى مۇنازىرىگە قويۇلغاندا كونسېرۋاتىپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى نۇسرەت غەنى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ بارلىق ئىپادىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

Read more

ماركو رۇبىيو: خىتاي بىر يالغانچى ھۆكۈمەت

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكىدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 130 مىڭدىن ئېشىپ، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى مەخپىي تۇتقانلىقى، شۇڭا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى بەك چاكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي سان مەسىلىدە يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، خىتاي بىر يالغانچى ھۆكۈمەت. ئۇلار ھەققى ساننى يالغان ئېيتتى. شۇڭا ھەقىقىي سانى ھەرگىز بىلەلمەيمىز. ئۇلار باشتىن-ئاياق يالغان سۆزلىدى. ئۇلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكىلا ئەھمىيەت بەرگەچكە يالغان ئېيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇلار بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇڭا ئۇلار بىر شەھەرگە بېرىپلا ئۇنى ئەسكەرلەر بىلەن قورشاپ ھېچكىمىنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا قويمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئەمما بىز بۇ دۆلەتتە ئۇنداق قىلمايمىز.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن نوپۇسقا ئىگە بىر چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن ئادەملەر كېلىدىغانلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەپەر قىلىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا نۆۋەتتىكى ۋىرۇس ۋەزىيىتىنىڭ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىدا يولغا قويۇلغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يۇقۇم سانى تۆۋەنلىگەنگە قەدەر داۋام قىلمىسا بولمايدىغانلىقنى ئېيتتى.

ئۇ ئاخىرىدا كىشىلەرنى جىددىيلىشىپ كەتمەسلىككە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىت ئەمەس. دەۋر بىزنى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن جازالىشى مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تارقاتقان «كۆلەڭگىدىكى ئۇرۇش: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىكى خىرىسلار» ناملىق فىلىمدا 2003-يىلى تارقىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق»، «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەسىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇرازاق سايىم، ساتتار ساۋۇت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە مەسئۇل كادىرلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتقان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ دەرسلىك كىتاب ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە كادىرلىرىنى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ۋە كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك نۇقتىسىدۇر. بۇ فىلىم 2-ئاپرېل ئېلان قىلىنىپ ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

Read more

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى قۇرۇلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى قۇرۇلدى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىختىيارىي مۇخبىرى  ئەركىن تارىم تەييارلىدى

Bu görsel boş bir alt niteliğe sahip; dosya adı HEYET-TOPLANTISI.jpeg

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. بۇ مەقسەت بىلەن 2020-يىلىنىڭ بېشىدا چاقىرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيەدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نى قۇرۇش قارارى ئېلىنغان ئىدى. بىر يىل جەريانىدا بارلىق رەسمىيەتلەر تاماملىنىپ، مەزكۇر ۋەخپەنىڭ قۇرۇلغانلىقى تۈركىيە رەسمىي گېزىت-مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى. 

3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى گرەئەنپارك مېھمانخانىسىدا مەزكۇر ۋەخپەنىڭ 1-نۆۋەتلىك قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىپ، ۋەخپەنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى، تەپتىش ھەيئەتلىرى سايلاپ چىقىلدى. مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى» نىڭ رەئىسلىكىگە ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى، رەئىس ۋەكىللىكىگە دىلشات بارىشچى ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئەركىن بەرداش ئەپەندى، مالىيە ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا مەمەت ئەلى ھافىز ئەپەندى سايلاندى

دوختۇر نىمەت قەشقەرلى، نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ۋە فاتما ئەر خانىم مەزكۇر ۋەخپەنىڭ تەپتىشلىكىگە سايلاندى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر يىغىننىڭ ئاخىرىدا ۋەخپەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىرى بىلەن ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ۋەخپەنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىنى تەبرىكلىدى. ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى د ئۇ ق نىڭ قارىمىقىدا قۇرۇلغان مەزكۇر ۋەخپەنى قوللاپ-قۇۋەتلەشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپەسىنى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2020-يىلى 7-ئايدا مەزكۇر ۋەخپەنى قۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە سوت ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنۇلغان ئىدى. 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيە سوت ئىدارىسى مەزكۇر ئىلتىماسنى تەستىقلىغان. مەزكۇر ۋەخپەنىڭ قۇرۇلغانلىقى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك گېزىت-مەتبۇئاتلىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ جەريانلار توغرىسىدا راديومىزغا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپەنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى «تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار قۇرغان ۋەخپە ۋە تەشكىلاتلار شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنداق بىر ۋەخپەنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ئەركىن بەرداش ئەپەندى «بۇندىن كېيىن نېمە خىزمەتلەرنى قىلماقچىسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ھەم ئورگانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەر جەھەتتىن ماسلىشىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.