تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىنكاس چىقتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئەپەندى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەنسىرەشلىرىنى تەستىقلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى

تانجۇ بىلگىچ ئەپەندىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى توغرىسىدا 8-سېنتەبىر كۈنى ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتى، رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىرىنى تەستىقلاپتۇ».

تانجۇ بىلگىچ ئەپەندى باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئەنسىرەشلىرىنى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە پاراۋان ۋە خاتىرجەم ياشىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا بولسۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشتا خەلقئارا سورۇنلاردا بولسۇن تەكىتلەپ كەلمەكتە».

تانجۇ بىلگىچ ئەپەندى باياناتىدا، خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدىن بىر ھەيئەت ۋە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپتە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر مەزكۇر زىيارەتنىڭ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىشىگە يول قويۇلسا بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ بىر ھەپتە كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەرگەن يازما بايانات توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىيى» يەنى، «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىغا قارىتا ب د ت دە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھەتتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىگىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆردۇق. لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئەپەندىنىڭ باياناتىدىكى ‹ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتاتتى، بۇ دوكلات ئارقىلىق ب د ت تەرىپىدىنمۇ ئېتىراق قىلىنغان بولدى› دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن سۆزى ناھايىتى مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن بۇ دوكلاتنى ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سەمىمىي ۋە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك. بۇ مەسىلىگە قېرىنداشلىق، دىنداشلىق ۋە ئىنسانلىق نۇقتىئىنەزىرىدىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك».

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ باياناتى ئورۇنلۇق. مۇھىم بولغىنى بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلار. بۇ باياناتتىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە تۈركىيەنىڭ بىر ھەيئەتنىڭ ھېچ قانداق توسالغۇسىز رايونغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى. ئەمما باياناتتىكىلەر يېتەرلىك ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ناھايىتى كۆپ، شۇڭا بۇندىن كېيىن ب د ت ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتايغا بەزى تەلەپلەرنى قويسا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بايانات ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك، باياشات ياشىشى، خىتاي بەرگەن قانۇنىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت.

2019-يىلى 9-ئايدا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئامېرىكاغا زىيارەتكە بارغاندا، ئوغۇزخان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۇنىڭدىن ‹ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟› دەپ سوئال سورىغانىدى. پرېزىدېنت ئەردوغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىچىدە بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئىچىدە ھەل قىلساق دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. دېمەك تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەل قىلىشىنى خالايدۇ دېگەنلىك. مەنچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى قوللىشىدىكى سەۋەبمۇ مۇشۇ دەپ ئويلايمەن».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2017-يىلىدىن بۈگۈنىگە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككى قېتىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 2 قېتىم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى 5 قېتىم بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

لېكىن بۇ باياناتلاردا خىتاي تەرەپنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان، خىتاينى قاتتىق نارازى قىلىدىغان پوزىتسىيە ئىپادە قىلىنمىغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۇمشاق شەكىلدە ئىپادىلەنگەنلىكى، ئەكسىچە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ