ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا» دەپ ھۆكۈم چىقاردى

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا» دەپ ھۆكۈم چىقاردى

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە بۇ جىنايەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 9-دېكابىر ئېچىلغان ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىمۇ جاكارلاندى.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا» دەپ ھۆكۈم چىقاردى

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى سىر جېففرېي نايس سوت كوللېگىيەسىدە ئوقۇپ ئۆتكەن ئاخىرىقى ھۆكۈمنامىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاتالمىش «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نىشانى بىلەن «تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق نوپۇسىنى ئۇزاق مۇددەت قىسقارتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قەستەن، سىستېمىلىق ۋە بىر گەۋدىلەشكەن سىياسەتكە يۈرگۈزگەن» لىكىنى، بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا دەل چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ، چېن چۇەنگو ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلارنىڭ باش جاۋابكارلىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.»

ھۆكۈمەتسىز ۋە مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېەىيەسى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2020-يىلى قۇرۇلغان. ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سىر جېففرېي نايس مەزكۇر سوتنىڭ رەئىسلىكى، يەنى باش سوتچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بۇ يىل ئىيۇندىن باشلاپ ئاز دېگەندە 3 قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ جاكارلىشى تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنى «خىتايغا قارشى كومېدىيە» دەپ ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر سوت كوللېگىيەسنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ